UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرۋاڭ شۇگۇەن

ۋاڭ شۇگۇەن

مەشھۇر شەخسلەر بېيجىڭدىكى مىيۈن سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىدىكى بىر تۈزلەڭلىـكـكـە شامالدۇرغۇچقا ئوخشاپ كېتىدىغان28 دانە ئەسۋاب رەتلىك قويۇلغـان، بۇ بېيجىڭ رەسەتخانىسى قۇراشتۇرغان «رادىئو ئىنتېرفېرومېـتـر». بۇ ئۈسكۈنىلەر كۈندۈزى قۇياشقا، كـېـچىـسى يۇلتۇزلارغا ئەگىشىپ ئايلىنىپ، يىراق كـۆكتىـن كەلگەن رادىئو دولقۇنىنى كېچە - كۈندۈز قوبۇل قىلىدۇ. بـۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ «بـاش غوجىدارى» ئېلىمىزنىڭ رادىئو ئاسترونومىيـە مـۇتـەخـەسـسـىـسـى، بـېيجىڭ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۇگـۇەن (1923 − )، ئۇنـى كىشـىلـەر «يۇلتۇزلارنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدىغان ئادەم» دەپ ئاتىشىدۇ. ۋاڭ شۇگۇەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدىن،23 يېشـىـدا ھۆكۈمـەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىدا ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيىنـىڭ گرېنۋىچ دېڭىز ئارمىيىسى ئىنستىتۇتىدا كېمىسازلىـق ئۆگەنگەن. دېـڭـىـز ئارمىيە ئىنستىتۇتى دۇنياغا مەشھۇر گرېنۋىچ رەسەتخانىسى بىـلـەن قـوشـنـا بولغاچقا، ئۇ دائىم رەسەتخانىغا بېرىپ ئۆگىنىدۇ.1949 - يىلى ۋاڭ شۇگۇەن مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر ئاۋىئاماتكا لايىھىسىنى تاماملىغاندىـن كـېـيىـن، باشقا چاغلاردا يازغان ئاسترونومىيىگە دائىر خاتىرىسى ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسىغا دائىر بەزى يېڭى قاراشلىرى يېزىلغان دىسسېرتاتسىـيىنى ئەيـنى چاغدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇلى گېرىنگېلغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىـتېتـى رەسەتخانىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ماقۇللۇق ئالىدۇ.1953 - يىلى، ۋاڭ شۇگۇەن ۋەتەنگە قايتىپ، جـاڭ يۈجې قاتارلىق پېشقەدەم ئاسترونوملارغا ھەمكارلىشىپ، ئاسترونومىيە تەتقـىقـاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.1958 - يىلى،30 نەچچە يـاشلىق ۋاڭ شۇگۇەن جۇڭگودا رادىئو ئاسترونومىيىسىنى بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنـى ئۈستىگە ئالىدۇ.20 نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش، سانسىز كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە، جۇڭگونىڭ ئۆز رادىئو ئاسترونومىيە قوشۇنى بارلىققا كېلىدۇ، بۇ قوشۇنغا ۋاڭ شۇگۇەن باشچىلىق قىلىدۇ.1984 - يـىلى، ئۇلار بېيجىڭنىڭ مىيۈن ناھىيىسىنى بازا قىلغان «رادىئو ئىنتېرفېرومېتىر» بىرىكمە سىستېمىسىنى تاماملايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېـلىمىزنىڭ رادىئو ئاسترونومىك كۆزىتىشى خەلقئارادىكى ئىلغار قاتارغا ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر