جېڭ زوشىن
مەشھۇر شەخسلەر
قۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، بىراق ئۆمۈر بويى قـۇش بىلەن ھەپىلـىـشـىدىـغـانلار كـۆپ ئەمـەس، جـۇڭـگـونـىـڭ قۇششۇناسى (ئورنىتولوگىيە مۇتەخەسسىسى) جېڭ زوشىن (1906 − ) تۈرلۈك قـۇش تـۈرلـىـرىـنـى نەچچە ئون يىل تەتقىق قىلىپ، قۇش تۈرىدىكىلەر ئۈچۈن «شەجەرە يېزىپ، ئارخىپ تۇرغۇزىدۇ»، ئۇنىڭ نامى ئالەمگە خـۇددى قـۇشلارغـا ئوخـشـاش تارىلىدۇ.
جېڭ زوشىننىڭ بالىلىق مەزگىللىرى ئانچە كۆڭۈللـۈك ئۆتـمـەيـدۇ، بەش يېشىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ، بىراق ئۇ كىشىنى ھەيران قـالـدۇرىـدىـغـان غەيرەت بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ،15 يېشـىـدا ئەلا نـەتـىـجـە بـىـلـەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدۇ.1926 - يىلى فۇجيەن شېخې ئۇنىۋېرسىتېتىنىـڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزىدۇ، شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ مـىچىگـان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ.
جېڭ زوشىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگـونـىـڭ قـۇششۇناسلىق خىزمىتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قـوشـىـدۇ. ئۇ جـۇڭـگـو ئۆي توخۇسىنىڭ ئەجدادى − جۇڭگو بانكىۋ تـوخـۇسـىـنـى بـايـقـاپ، جۇڭگونىڭ ئۆي توخۇلىرى ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن دېگەن نەزەرىيىـنـى تۈزىتىدۇ. شۇنىـڭ بـىـلـەن بـىـللـە، ئۇ يـەنـە دارۋىـنـنـىـڭ «ھايـۋانلار ۋە ھايۋانلارنى ئۆيدە باققان چاغدىكى ئۆزگىرىشى» دېگەن كىتابىدىكى خاتالىقلارنـى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پۈتۈن خەلق «تۆت زىيانداش» (چاشقان، قۇشقاچ، چىۋىن، پـاشـا) نـى يوقىتىۋاتقان كۈنلەردە، جېڭ زوشىن كۆپ يىللاردىن بېرى توپلىغان قۇشقاچنىـڭ يىللىق ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى توغرىـسـىـدىـكـى دوكلاتـنـى ئېلان قـىلـىپ، قۇشقاچنىڭ ئادەتتـىـكـى چـاغلاردا زىـيـانـداش ھاشـاراتلارنـى تـۇتـۇپ يەيدىغانلىقىنى، پايدىسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، پـەقـەت ھوسـۇل يىغىش مەزگىللىرىدىلا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە زىيان سېلىش ئەھۋالـىـنـى تىزگىنلەش لازىملىقىـنـى چـۈشـەنـدۈرىـدۇ، دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنـىـڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، قۇشقاچنىڭ تۆت زىيـانداشـنـىـڭ بـىـرى دېگەن قالپىقىنى ئېلىۋېتىدۇ.
ھازىر قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ يېڭى سۇبتۈرى دۇنيـادا كـۆپ ئەمەس، دۇنيادىكى قۇششۇناسلار قۇش تۈرلىـرىـنـى تـۈرگـە ئايـرىـش خـىـزمـىـتـىـنـى200 −300 يـىـل ئىـشـلـىـدى، شـۇڭـا، قـۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى تېپىش ھازىر ئىنتايىن قـىـيـىـن. جـېـڭ زوشىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى30 نەچچە يىلدىن بـۇيـان،20 نـەچـچـە خىل قۇش تۈرىنىـڭ يـېـڭـى سـۇبتـۈرىـنـى بـايـقـىدى، بـۇ غـايـەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە دۇنيا قۇششۇناسلىرى ھەيـران قـالـدى ۋە ئاپىرىن ئوقۇدى.
ئۇ يېقىنقى زامان جۇڭگو قۇششۇناسلىق تەتقىقاتىـنـى ئىـلـگـىـرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونـىـڭ قـۇش تـۈرى بـايـلـىـقـىـنـى قـوغـداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى تەرەقـقـىـي قـىـلـدۇرۇش جـەھەتـتـە نـۇرغـۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ ئون نەچچە تەتقىقـات ئەسـىـرى، نـەچـچـە100 ئىلمىي ماقالە يېزىپ، گەۋدىلىك نەتىجىلەرگـە ئېـرىـشـتـى، كـۆپ قېتىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولـدى.1988 - يىلى يەنە، ئامېرىكا ياۋايى ھايۋانلار جەمئىيىتى تارقاتقان خەلقئارالىق ئىلىـم - پەن مۇۋەپپەقىيىتى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.