جېڭ خې
مەشھۇر شەخسلەر
جۇڭگونىڭ خەن سـۇلالـىـسـىـدىـن بـاشلاپ تـاڭ سـۇلالـىـسـى، سـۇڭ سۇلالىسىگىچە كېمە ياساش ۋە دېڭىز قاتنىشى تېخنىكىسى دۇنـيـادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جېڭ خې (1371 −1435 ) نىڭ «غەربىي دېڭىزغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلىشى» قەدىمـكـى دېـڭـىـز سەپىرى ئىشلىرىنىڭ تازا گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا مېڭىشىدىكى بۇرۇلـۇش نۇقتىسى ئىدى.
جېڭ خېنىڭ ئەسلىي فامىلىسى ما، ئىسمى سـەنـبـاۋ بـولـۇپ، يۈننەننىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىن. ئۇنـىـڭ بوۋىسى ۋە ئاتىسى قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى ئىـسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مەككىگە بېرىپ ھەج - تاۋاب قـىـلـغـان، بـۇنـىـڭ بىلەن جېڭ خېنىڭ قۇلىقىغىمۇ ئۇزۇن سەپەر توغرىـسـىدىكـى ئاجايـىـپ ھېكايىلەر سىڭىپ، ئۇنىڭدا قىزىقىش ۋە ئېھتىرام شەكىللەنگەن.1405
- يىل7 - ئايدا، جېڭ خې62 كېمىدە20 مـىـڭـدىـن ئارتـۇق مـاتـروسـنـى ئېلىپ، كېمىلەرگە ئالتۇن - كۈمۈش، فارفور بۇيۇم ۋە يىپەكلەرنى بېسىـپ، ليۇجياگاڭ (بۈگۈنكى جياڭسۇنىڭ تەيساڭ ناھىيىسىدىكـى لـيـۇخـېـكـۇ) دىـن يولغا چىقىپ، ئۇزۇن مۇساپىلىك دېڭىز سەپىرىنى باشلايدۇ.
كېمە ئەترىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتـىـن كـەچـۈرۈپ، بـوران، دولقۇن ۋە كېسەللىكلەر ئۈستىـدىـن غـەلىـبـە قـىلـىـدۇ، ۋەھشـىي دېڭىز قاراقچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، نۇرغۇن مـاتـروس ۋە ئەسـكـەرلـەر قـۇربـان بولىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى - كېيـىـن بـولـۇپ، جـانـپـۇ قـەلئەسـى (بـۈگـۈنـكـى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي تەرىپى)، سەيلۇن (بۈگۈنكى سرى لانكا)، ھىـنـدونـېزىـيـە قاتارلىق دۆلەتلەر (قەدىمدىكى «غەربىي دېڭىـز» جـەنـۇبـىـي دېـڭـىـزنـىـڭ غەربىدىكى دېڭىز بويلىرىنى كۆرسىتىدۇ) لەرگە بېرىپ، جۇڭگودىن شەرقـىـي ئافرىقا دېڭىز بويىغىچە بولغان دېڭىز يولىنى ئېـچـىـپ،3 - يـىلـى10 - ئايـدا ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى دېڭىز سـەپـىـرىـدە پـادىـشـاھ نـۇرغـۇن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، شۇڭا ئۇ جېڭ خېنى يەنە كۆپ قېتـملىق دېڭىـز سەپىرىگە ئەۋەتىدۇ.1405
- يىلدىن1433 - يىلغىچە بولغان30 يىـلـغـا يـېـقـىـن ۋاقـىـت ئىچىدە، جېڭ خې كېمە ئەترىتىنى باشلاپ يەتتە قېتىم غەربىي دېڭىـزغـا سـەپـەر قىلىدۇ، بۇنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، كېمە ئەترىتىـدە ئەڭ كـۆپ بـولـغـانـدا200 نەچچە كېمە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى148 مېتىر، كەڭلىـكـى60 مېتىرلىق چـوڭ كـېـمـىـدىـنلا60 نـەچـچـىـسـى بـار. ئۇلار كـومـپـاس، چوڭقۇرلۇق ئۆلچىگۈچ، يۇلتۇز ئورنىنى بېكىتكـۈچ قـاتـارلىق دۇنـيـادىـكـى ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ،100 مىڭ چـاقـىـرىـمـدىـن ئارتـۇق يـول باسىدۇ. ئۇلار، ئىلگىرى - كېـيـىـن بـولـۇپ، ھىـندىـچـىـن يېرىم ئارىلى، ھىندونېزىيىدىكى براھمان ئارىلى، ھىندى يـېـرىـم ئارىلى، ئەرەب يـېرىم ئارىلى ھەمدە ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سومالى قاتارلىق جـايلارغـا بېرىپ،30 نەچچـە دۆلـەتـنـى بـېـسـىپ ئۆتـۈپ، جـۇڭـگـونـىـڭ تـاشـقـى ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن دېڭىز يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا، ئافـرىـقـا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇبى ئاسىـيـادىـكـى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتىدە »سەنباۋ جانابلىرى« توغـرىـسـىـدىـكـى نـۇرغـۇن رىۋايەتلەر بار. «سەنباۋ» بىلەن ئاتالغان جـېـڭ خـې بـارغـان جـايلاردا نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەسىلەن، ھىندونېزىيىنىڭ «سەنـبـاۋ»بازىرى، «سەنباۋ غارى»، تايلاندتىكى «سەنباۋ بۇتخـانـىـسى»، «سـەنـبـاۋ مۇنـارى»، مـالايـسـىـيـانـىـڭ كۇئالا لۇمپـۇردىكـى «سەنبـاۋ قـۇدۇقـى»، ھىندىستاندىكى «سەنباۋ خاتىرە مۇنارى» قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن بـاشـقـا، «سەنباۋ جانابلىرى تەزكىرىسى» نەشر قىلىنغـان. بـۇلار جـېـڭ خـېـنـىـڭ تۆھپىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى سىمۋولى سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
جېڭ خې يەنە30 يىلغا يېقىن دېڭىـز سـەپـىـرىـدىـكـى تـەجـرىـبـە ۋە ھاسىلاتلىرىغا ئاساسەن، «دېڭىـز سـەپـىـرى خـەرىـتـىـسـى» ۋە «كـومـپـاس يۆنىلىشى توغرىسىدا» دېگەن ئىككى كىتابنى يازىدۇ.
جېڭ خېنىڭ دېڭىز سەپىرى كولۇمبۇنىڭ دېڭىز ئېكسپېدىـتـسـىـيىسىدىن87 يىل بالدۇر بولۇپ، تېخنـىـكـا سـەۋىـيـىـسـى، كـۆلـىـمـى ۋە مۇساپىسى كولۇمبۇنىڭكىـدىـن ئېـشـىـپ كـېتـىـدۇ، غەربتىـكى دېـڭـىـز سەيياھلىرىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق، جېڭ خېـنـىـڭ دېـڭـىـزغـا سەپەر قىلىش مـەقـسـىـتـى سـودىـنـى تـەرەقـقـىـي قـىلدۇرۇش، تـاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بولماستىن، بەلـكـى دۆلـەتـنـىـڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ئىدى. ھەر قېتىملىق دېڭىز سەپىـرىـگـە غـايـەت زور پۇل - مۈلۈك كەتكەچكە، يەتتە قېتىملىق دېڭىز سەپىرىـدىـن كـېـيـىـن، دۆلـەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قايتا داۋاملاشتۇرۇش مـۇمكـىـن بـولـماي قـالـىـدۇ. شۇنداق قىلىپ جېڭ خېنىڭ غەربىي دېڭىزغا يەتتە قېتـىـم سـەپـەر قـىـلـىـشـى جۇڭگو دېڭىز سەپىرى ئىشلىرىنىڭ روناق تېپـىـشتىن خـارابـلـىـشـىـشـقـا مېڭىشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.