UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرگالتون

گالتون

مەشھۇر شەخسلەر ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ساغلام تـۇغۇت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆستۈرۈشـنـى بـارغانـسـېـرى كۆپ ئادەم قوللايدىغان بولدى. تارىختا ئېۋگېنىكا (سۈپەتلىك تۇغۇت ئىلمى) نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغۇچى ۋە ئىنسانلارنى ئەلالىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاشقا يېتەكلىگۈچى ئەنگلىيىلىك گالتون (1822 −1911 ) دۇر. گالتون ئەنگلىيىنىڭ قەدىمىي شەھىرى بېرمىڭخامدا تۇغۇلغان بـولـۇپ، دارۋىننىڭ نەۋرە ئۇكىسى. ئۇ بىر يېشىدا ھەرپلەرنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىككى يېشىـدا بالىلار ئوقۇشلۇقىنى ئوقۇيالىغان، تۆت يېشىدا شېئىر يازالىغان، ئالتە يېشىدا ھاشارات ۋە مىنېراللار ئەۋرىشكىلىرىنى تۈرگە ئايرىيالىغان...، بۇ خىل ئەھۋال تـالانـتلىق ئۆسمۈرلەردە ئاز كۆرۈلىدۇ، گالتون15 يېشىدىن22 يېشىغـىـچـە ئۇنـىۋېرسىتېتتا يەتتە يىل ئوقۇپ، مېدىتسىنا، فىزىئولوگىيە، بوتانىكا، فـىزىكـا، خىمىيە، ماتېماتىكا... قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغـان بـارلىق ساھەلەرنى دېگۈدەك كەڭ دائىرىدە ئۆگەنگەن.22 يېشىدا ئاتىسىـدىـن نـۇرغۇن مىراس قالغان، بۇ ئۇنىڭ ئىلىم - پەندە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىـنـى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. گالتوننىڭ پۈتۈن ھاياتىدا ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگىنى، شـۇنـداقلا ئەڭ كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىغىنى ئۇنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇت ئىلـمـى ئىـدىـيـىـسـى.1889 - يىلى گالتون كېيىن باشقىلار «گالتون ئەجداد ئىرسىيىتى قانـۇنـى» دەپ ئاتىغان مۇنداق فورمۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان: ......+3()+2()+1 =n()= بۇ، بىر ئادەمنىڭ جىسمى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى، پەزىلىتىنىڭ يېرىمى ئاتا - ئانىسىدىن،4 تىن1 قىسمى4 موما - بوۋىسىدىن،8 دىن1 ى8 ئۇلۇغ بـوۋا - مومىسىدىن .... كېلىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ فورمۇلا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتـا - ئانىغا ھەم ئوخشايدىغانلىقى، ھەم ئوخشىمايدىغانلىقى، پەرزەنتلەرنىڭ بـەزىلىرىدە ئىرسىي كېسەلنىڭ بولىدىغانلىقى ھەم بولمايدىغانلىقى، قـىـسـمـەن ئادەملەردە قۇيرۇق چىقىش، تۈكلۈك بولۇشتەك ئەجدادىغا قايتىش ھادىسىلـىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كېيىن ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىنسـان نەسلىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەۋلادلارنىڭ ئىرسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ تىزگىنلىـشـى ئاستىدا سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەشنى تەلەپ قىلـغان. گـالتوننىڭ تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتى ئارقىسىدا، ئەنگلىيىدە1908 - يىلـى ئۇ پـەخرىي جەمئىيەت باشلىقى بولغان ئېۋگېنىكا تەربىيە جەمئىيىتـى قۇرۇلغان، مانا بۇ ئەڭ بۇرۇنقى ئېۋگېنىكا ئاممىۋى تەشـكـىلاتىدۇر. گالتوننىڭ ئېۋگېنىكىسى، يېڭى بارلىققا كەلگەن باشقا شەيئىلەرگە ئوخشاش، نۇقسانسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدا نۇقسانلار ئىـنتايىن كۆپ، بۇنىڭغا ئەسلىدە گەپ كەتمەيتتى. بىراق، بەزى ئىرقچىلار، فـاشىستلار گالتون نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىي بولمىغان قىسمىنى بۇرمىلاپ ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، گالتون ۋە ئېۋگېنىكىغا ئۇۋال قىلدى. ھازىر ئېۋگېنىكىنى پۈتۈن دۇنيادىكىلەر ئەھمىيـىـتـى زور بىر پەن دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرگە خىزمەت قىلىـۋاتـىدۇ، تارىخ گالتوننىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
گالتون | UyghurWiki | UyghurWiki