UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەركۇۋىيېر

كۇۋىيېر

مەشھۇر شەخسلەر دىنوزاۋرنىڭ نەسلى نېمە ئۈچۈن قۇرۇپ كەتتى؟ بـۇ تـا ھازىـرغـىـچـە ئېچىلمىغان سىر. ئىلگىرى نۇرغۇن ئالىملار بۇ سىرنى ئاچمـاقـچـى بـولـغـانىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە فرانسىيىلىك زوئولوگ كۇۋىيېر (1769 −1832 ) نىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى» ئەڭ مەشھۇر. گېئورگې كۇۋىيېر تۆت يېشىدا ئوقۇپ،14 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتـقـا كـىـرىـدۇ.18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئۇ پروفېـسسـورلۇقـقـا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، «سېلىشتۇرما ئاناتومىيە لېكسىيـىـسـى» نـى ئېلان قىلىپ، ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش قانۇنىيىـتـىـنـى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، ھايۋانلارنىڭ تېنى بىرلىككە كـەلـگـەن گـەۋدە، گـەۋدىـدىـكـى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ قۇرۇلمىسىدا مۇناسىپ باغلىنىـش بولىدۇ، مـۇشـۇ قـانـۇنـغـا ئاساسەن، مەلۇم خىل ھايۋاننىڭ مەلۇم ئەزاسىدىن پـايـدىـلىـنـىـپ، ئۇنـىـڭ ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلمىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ھۆكۈم قىلغىلى بـولـىـدۇ، دەپ قارايدۇ. كۇۋىيېر بۇ قانۇنىيەتنى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلارنىـڭ تاشقاتمىسىنى تەتقىق قىلىشـقـا تـەتبىقلاپ،1812 - يـىلى «تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ تاشقاتمىسى تەتقىقـاتى» دېگەن كىتابنى نەشـر قىلـدۇرۇپ، تـۇنـجى قـېـتـىـم ئۆز ئالـدىـغـا «ئاپـەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى» نى ئوتتـۇرىـغـا قـويـىـدۇ. كۇۋىيېر: ھەربىر مۇئەييەن مەزگىل ئۆتكەندە يەر شارىدا قۇرۇقلۇقنىڭ سىلجـىـشـى، توپان بالاسى، جانلىقلار تۈرىنىڭ يوقىلىشى دېگەندەك بـىـر قـاتـار زور ئاپەتلەر بولىدۇ، ھەر قـېـتـىـمـلـىـق زور ئاپەتتىن كېيىن، بەزى ھايۋانلار باشقا رايونلارغا كـۆچـىـدۇ، بـەزى ھايـۋانلارنىڭ، خۇددى دىنوزاۋرغا ئوخشاش، شۇ ئاپەتتە نـەسـلـى قـۇرۇيـدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مـۇز قاتلىمىدىن مۇكەممەل ساقلانغان غايەت زور تۆت پۇتلـۇق ھايـۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى بايقالدى، ئۇلار ناھايىتى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆلـگەن، ئۆلـۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇز توڭلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، جەسەتلىرى تـامـامـەن چـىـرىـپ كەتمىگەن، بۇنىڭدىن يەر پوستى ئۆزگىرىشىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسـىـنـى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «ئاپەت خاراكتېـرلـىـك ئۆزگـىـرىـش نـەزەرىـيـىـسـى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، گېئولوگىيە، پالېئونتولوگىيە تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، گېئولوگىيە مىسـلىسىز روناق تاپىدۇ. كۇۋىيېرنىڭ تەتقىقات نەتىجىـسـى پۈتكۈل يـاۋروپـاغـا، بولۇپمۇ ھايۋاناتلار توغرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك ھەم چوڭقۇر تەتقىقاتـقـا تـەسـىر كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
كۇۋىيېر | UyghurWiki | UyghurWiki