شىريودىنگېر
مەشھۇر شەخسلەر
ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىكـى ئىككى چـوڭ بايقاش − نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كۋانت مېخانىكىـسـىنـىـڭ پـەن - تېخنىكىنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكـىـنى ئېـتـىـراپ قـىـلـىـدۇ. كۋانت مېخانىكىسى سۇ مولېكۇلىسى ۋە ھىدروگېن ئاتومىغا ئوخشاش مىكـرو زەررىچىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئاۋسترىيىلىك فىزىك شىريودىنگـېـر (1887 −1961 ) كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچـۈن غـايـەت زور تۆھپە قوشۇپ، مىكرو زەررىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىـسـى − شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلىپ،1933 - يىـلـى نـوبېـل فـىـزىـكـا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مىكرو ئېلېـكـتـرونىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئاتوم بومبا، ھىدروگېن بومبىـنـىـڭ كـەشىـپ قىلىنىشى، تۈرلۈك يېڭى ماتېرىياللارنىڭ تەتقىق قىلىنىپ ئىـشـلـىـنـىـشـى... كۋانت مېخانىكىسىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيىۋى قورالدىن ئايرىلمايدۇ.1921
- يىلى،34 ياشلىق شىريودىنگېر سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتـېـتـىـنـىـڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ ئاۋۋال گاز جىسىم، تەۋرىنىش، ئىسسىـقـلـىـق ھادىسىسى قاتارلىقلار ھەققىدىكى نەزەرىيىلەرنى تەتقىق قىلغان. ئۇ يەنە قىزىل - يـېـشـىـل رەڭ قارىغۇسى بىلەن كۆك - سېرىق رەڭ قارىغـۇسـى ئوتتۇرىسـىـدىكـى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرغان.1926 - يىلى، كۋانت مېخانىكـىـسـىـدىـكـى مەشھۇر دولقۇن تەڭلىمىسىنى، يەنى كېيىن ئۇنىڭ نـامـى بىلەن ئاتالغان شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نيۇتون قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، پويىز، ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلالىغىنىمىزغـا ئوخـشاش، شـىريـودىنگـېـر تەڭلىمىسىدىن پايدىلىنىپ مولېكۇلا، ئاتوم، ئېلېكترون قاتارلـىـقلارنىڭ سـۈرئىـتـى نۇر تېزلىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولغان ئەھۋالدىكى ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلالايمىز.
شىريودىنگېر ھەممىگە قىزىقىدىغان، تەسـەۋۋۇرغـا بـاي ئالـىـم، ئۇ كۋانت مېخانىكىسى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، كوسمولوگىيە (ئالەم ئىلمى) قاتارلىـق مـۇھىـم پەنلەرنى تەتقىق قىلىپ قالماستىن، يەنە، فىزىكـا ئاسـاسلىرى، تـەبـىئىـي پـەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.1944 - يىلى، «ھايات دېگەن نېمە؟ − تىرىك ھۈجەيرىنىڭ فىزىكىلىق قىياپىـتـى» دېـگـەن كىتابنى يېزىپ، ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنـى ھازىـرقـى زامـان فـىـزىـكـىـسـى ۋە ھازىرقى زامان خىمىيىسى يېڭى ئىدىيىسى بىلەن چـۈشـەنـدۈرمـەكـچـى بولغان. بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەنپىي ئېنتروپىيە، ئىرسىي كود، كۋانتنىڭ سەكرەش شەكلىدىكى تـوساتـتـىـن ئۆزگـىـرىـشى قـاتـارلـىـق ئۇقۇملار ھازىر كەڭ كۆلەمدە قوبـۇل قىلىـنـدى. شـىـريـودىـنـگـېـرنىـڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، نۇرغۇن ياش فـىـزىـكلار ھايـاتـلـىـق پـېـنى تەتقىقاتىغا يۈزلىنىپ، فىزىكا ۋە خىمىيىدىكى ئىلغار تـەتـقـىـقـات ئۇسۇللىرىنى بىئولوگىيىگە ئېلىپ كىردى، بۇنىڭ بىلەن بىئولـوگـىـيـە50 - يىللاردىن كېيىن يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. شىريودىنگـېـر مـولـېـكـۇلا بىئولوگىيىسىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارالدى.30
-40 - يىللىرى، شىريودىنگـېـر گـىلېـر فـاشـىسـتـلىرىنـىـڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشى ۋە ئالىملارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغـا ئېتىـراز بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بىخەتەرلىكـى تـەھدىتكە ئۇچراپ، ۋەتـىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيىگـە كـۆچـۈپ بـارغان.1956 - يىلى ئاۋسترىيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئاۋسترىيـە ھۆكۈمىتى داغدۇغىلىق قارشى ئالغان ۋە ئۇنـىـڭ نامى بىلەن ئاتالغان دۆلەتلىك مۇكاپات تەسىس قىلغان.1957 - يىلى تارقىتىلغان تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات شىـريـودىـنـگـېـرنـىـڭ ئۆزىـگە بېرىلگەن