سۈنسىمياۋ
مەشھۇر شەخسلەر
جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە شەنشىدە سۈنسىميـاۋ (581 −682 ) ئىسىملىك مەشھۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئەل ئىچىدە تېۋىپلىـق قىلىپ، نامراتلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان. ئۇ تۈرلۈك گۇمانلـىـق، قـىـيـىـن كېسەلـلـىـكـلـەرنـى داۋالاشـقـا مـاھىـر بـولـغـاچـقـا، نـۇرغـۇن ئادەمـلـەرنـى قۇتقۇزۇۋالغان. ئۇ101 يىل ياشىغانلىقى ئۈچۈن، تـارىـخـتـا، «ئۇزۇن ئۆمـۈر كۆرگەن خىسلەتلىك تىۋىپ» دەپ ئاتالغان.
بىر كۈنـى تۆت ئادەم بـىـر گـۇەنـسـەيـنـى كۆتۈرۈپ مـاڭـىـدۇ، گۇەنسەينىڭ تېگىدىن توختىماي قان ئاقىدۇ. سۈنسىمياۋ گۇەنسـەيـدىـكـى بۇ ئادەم تېخى ئۆلمىگەن دەپ قـاراپ، ئۇلارغـا گۇەنسـەيـنـى ئاچـقۇزىـدۇ، گۇەنسەينىڭ ئىچىدىكىسى بىر ئايال ئىكەن. سۇنسىمياۋ ئۇنىڭ تومـۇرىـنـى تۇتۇپ مەلۇم پەللىسىگە يىڭنە سانجىيدۇ، بىرئازدىن كېيىن، بۇدرۇققىـنـە بـالا تۇغۇلىدۇ، ئايالمۇ تىرىلىدۇ. سۇنسىمياۋ بىر يىڭنە سانجىپ ئىـكـكـى جـانـنـى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى خىـسلەتلىك تېۋىـپ، دەپ ئاتىشىدۇ.
بىر قېتىم مەلۇم بىر كىشى سىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سۇنسىمياۋدىـن ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتۈنىدۇ. سۇنسىمياۋ ئۇنىڭ سۈيدۈك چىقىرىـش يولى توسۇلۇپ قالغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ. بۇ چاغـدا بـىر بـالا غـول پىيازنىڭ غولىنى پۈۋلەپ ئويناۋاتاتتى، سۇنسىـميـاۋ غول پـىيازنىڭ ئۇچىنى كېسىۋېتىپ، كېسەلنىڭ سۈيدۈك يولىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىقىپ كۈچەپ پۈۋلەيدۇ، سۈيدۈك پىياز غولىنى بويلاپ ئېقىپ چىقىـدۇ، بۇ يۈرەكلىك تەجرىبە ئۇنى دۇنيا بويىـچـە تـۇنـجـى سۈيدۈكنى راۋانلاشـتـۇرۇش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ.
سۇنسىمياۋ تېببىي تېخنىكىغا ماھىر بولۇپلا قالماسـتـىـن، ئوزۇقـلـۇق ئىلمىگىمۇ ماھىر. ئۇ بېرىبېرى كېسىلى بىلەن نامازشام قارىغۇسى كېسىلىـنـى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ داۋالىغان. ئەينى چاغلاردا تاغلاردىـكـى نـامـرات پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىلىرىدە نامازشام قارىغۇسى كېسىلى، بـايلاردا «بـېـرىبېرى» كېسىلى بار ئىدى، سۇنسىمياۋ بـۇ ئىـكـكـى خـىـل كـېـسـەلـلـىـك ئالامەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئويلىنىپ، كېسەللىكنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋەبىـدىـن كېلىپ چىققانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. نامراتلار كېپەك ۋە كۆكتاتلارنـى كۆپ يېگەچكە، ئۇلارنى ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنى كۆپرەك يېيىشكـە بـۇيرۇيـدۇ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولىدۇ، بايلاردا كېپەك قاتارلـىق ئوزۇقلۇقلار كەم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېرىبېرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا دانلىق قارا ئاشلىق يېيىشـنـى بۇيرۇيدۇ، بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ. سۇنسىمياۋ − دۇنيا بويىچە بېرىبېرى كېسىلىنى داۋالىغان تۇنجى ئادەم.
سۇنسىمياۋ يەنە يىڭنە بىلەن داۋالاشقا ماھىر بولۇپ، «ئاغرىققا قـاراپ پەللە بەلگىلەش» تەك يىڭنە سانجىپ داغلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلـغـان. بـىـر قېتىم ئۇ پۇتى ئاغرىيدىغان بىر بىمارغا ئۇدا يىڭنە سانجىپمۇ ئۈنۈم ھاسـىـل قـىلالـمـايـدۇ. ئۇ بىماردىن قەيىرىنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىنى سورىغاچ قولى بىلەن يـوتـىـسـىـدىـن باشلاپ ئاستا - ئاستا تۆۋەنگە سىقىپ ماڭىدۇ، ئاغرىغان جايـنـى سـىـقـقـانـدا بىمار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي «ۋايجان» دەۋېتىدۇ. سـۇنسـىـمـيـاۋ دەرھال بـۇ جايغا يىڭنە سانجىيدۇ، كېسەلنىڭ پۇتىدىكى ئاغرىقمۇ توختايدۇ. بـۇ پـەلـلـە تېببىي كىتابلاردا خاتىرىلەنمىگەن بولغاچـقـا، سـۇنسـىـمـيـاۋ ئۇنـى «ئاشـى پەللىسى (ۋايجان پەللىسى)» دەپ ئاتايدۇ.
سۇنسىمياۋنىڭ يەنە «دورا پادىشاھى» دەيدىغان چىرايلـىـق نـامـىـمـۇ بار. ئۇ دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغـىـش ئۈچـۈن تـاغ - دەريـالارنـى كـېـزىـدۇ ۋە ئۆزى بۇلاردىن دورا تـەيـيـارلايـدۇ. ئۇ ئۇزاق مـۇددەتـلىـك داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا نۇرغۇن رېتسېپلارنى كەڭ دائىـرىـدە تـوپلاپ، رەتـلـەپ چىقىدۇ،70 يېشىدا بۇ رېتسېپلارنى تەھرىرلەپ «تاللانغان قىممەتلىك رېتسىپلار(چيەنجىن ياۋفاڭ)» نى يېزىپ چىقىدۇ، يەنە30 يىلدىن كېيىن، ئۇ100 ياشقا كىرىـپ قالغان بولسىمۇ،30 يىلدىن بۇيان توپلىغان رېتسېپلىرىدىن «قىممەتلىك شىپالىق دورىلار (چيەنجىن يىفاڭ)» نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئىككى پارچە كىـتـابـتـا6000 دىـن ئارتۇق رېتسېپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتىدىكـى كلاسـسـىـك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بەزى ئاساسىي رېتسېپلارنى تاشلارغا پۈتۈپ، يول ئاغـزى ياكى كوچىلارغا ئورنىتىپ قويغاچقا، كېسەللەرنى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىشـتـا ئوبدان رول ئوينايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىدىـغـان ۋۇتەيشەن تېغىنى «دورا ئۆسۈملۈكلىرى پادىشـاھى تـېغى» دەپ ئاتايـدۇ. كېيىن كىشىلەر بۇ100 ياشلىق خىسلەتلىك تېۋىپنى خاتىرىلەش ئۈچـۈن، دورا ئۆسۈملۈكلىرى پادىشاھى تېغىغا دورا ئۆسۈملۈكلىرى پادىشاھى بۇتخانىسىنى سالىدۇ.