UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرنوبېل

نوبېل

مەشھۇر شەخسلەر نوبېل مۇكاپاتى بۈگۈنكى دۇنيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ مۇكاپات. بۇ مۇكاپات پۇلىنى تەمىنلىگۈچى شۋېتسىيىلىك خىمىك ئالفرېد بېرنارد نوبېل (1833 −1896 ) دۇر. نوبېل ئۆزى ياراتقان بايلىق ئارقىلىق مۇكاپات پۇلى تـەسـىـس قـىلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. نوبېل شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقىـتلىرىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك پارتلىتىش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىـپ، پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسى بىخلانغان. نوبېل17 ياشتىـن كېيىن، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە يالغۇز تەكشۈرۈشكە بېرىپ، نـەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، بىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، رۇس، شۋېد تىللىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇ كان ئىشچىلىرى ئەمگىكىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئەمگەك سىجىللىقىنى پارتلىتىش ئارقىلىق يېنىكلىتىش ئويىغـا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ پارتلىتىش دورىـسـىنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان. نوبېل پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، سانسىـز قـېـتـىـم مەغلۇپ بولغان.1867 - يىل9 - ئاينىڭ3 - كۈنى، تەجرىبە ئۈستىدە پارتلىتىش دورىسى پارتلاپ كېتىپ، پۈتۈن تەجرىبىخانىنى ۋەيران قىلىۋەتكـەن، نوبېلنىڭ ئۇكىسىمۇ شۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئاتىسـىـمـۇ يـارىلانغان. تېخىمۇ يامىنى، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا تەجرىبە ئىشلىشىنى چەكلىگەن، نوبېل ئاكىسى بىلەن بىر كېمىنى يۇقىرى باھادا ئىجـارىگە ئېلىپ، كۆلدە داۋاملىق تەجرىبە ئىشلىگەن. بىرنەچچە يىل تىرىشىپ، نەچچە100 قېتىم تەجرىبە قىلىپ،ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ بىخەتەر پارتلىتىش دورىسى، تۈتۈنسىز پارتلىتىش دورىسى ياساشتەك بىر قاتار كەشپىياتلارنى تاماملىغان. نوبېل كەشىپ قىلغان كۈچلۈك پارتلىتىش دورىسى − ترىنىترىن بىلەن دىئاتوم تۇپرىقى ئارىلاشتۇرۇلغان بىخەتەر پارتلىتىش دورىسـى دەرھاللا كان ئېچىش ۋە يول ياساشقا ئىشلىتىلگەن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك يېنىكلـىگەن، ئىش ئۈنۈمىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. كېيىن بۇ خىل كۈچلۈك پـارتـلـىتىش دورىسى ئالپ تېغىنى تېشىشكە ئىشلىتىلىپ،9 ئىنگلىز مىلى كېلىـدىغان تونىلنى مۇددەتتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئېچىپ،5 مىليون دوللاردىن ئارتۇق خىراجەت تېجەپ قېلىنغان. نيۇيورك دېڭىز يـولـىنىڭ ئېچىلىشى، پاناما قانىلىنىڭ قېزىلىشى قاتارلىقلاردىمۇ بۇ خىل كۈچلـۈك پارتلىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن نوبىلنىڭ نامى ئەلگـە تـارالغان، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قوغلاشتـىـن قارشى ئېلىشقا ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن. نوبېل ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگـەن، پـۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ پـارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى غايەت زور بولۇپ، «پارتلىتىش دورىسى پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. نوبېلنىڭ خىمىيە جەھەتتىمۇ نۇرغۇن كەشپىياتلىرى بار، يالغۇز ئەنگلىيىدىلا ئېـرىـشكەن پاتېنتى120 خىلدىن ئاشىدۇ. نوبېلنىڭ كەشپىياتى ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن بەخت ياراتـتـى، شـۇنداقلا ئۇنى كاتتا بايغا ئايلاندۇردى. ئۇ مال - مۈلكىنى قـېـرىـنداشلىرىغا مىراس قالدۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ: «مال - دۇنيـا ئادەمنى يارامسىز قىلىپ قويىدۇ. ۋارىسلىق قىلغۇچى مىراسنىڭ راھىتىنى سۈرسـە، ئۇلار ئۈچۈن ئاپەت بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ئىلىم - پەن كەشپىياتـى ئۈچۈن ئاجـايـىـپ جـاپالارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ھەتتا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بەخت ياراتماقچـى بولغان ئاشۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بايلىقى بىلەن مەدەت بېرىشنى ئىنتايىن خالايدۇ. ئۇنىڭ پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنى قـۇرۇلۇشقا ئىشلىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن كىـشـىلەر ئۇنى ئۇرۇشقا ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن مىليونلىغان ئادەم ئۆلدى، نوبېل بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئازابلاندى، ئۇ تىنچلىق ئىشلىرىنى پۈتۈن ۋۇجـۇدى بـىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ ئۆزىدىكى كېسەل سـەۋەبـىـدىـن، فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىناغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇ، مېدىتسىنا ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەشەببۇس قىلىش ئارقـىـلـىـق، ئىنسانلارنى كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلىش لازىم، دەپ قـارايـدۇ. ئۇ ئەدەبىياتقا ئۆمـۈر بويى قىزىققان، شۇنداقلا ئەدەبىيات ئىشلىرىنى گۈللەنـدۈرۈش ئىرادىسىگە كەلگەن... نوبېل1896 - يىل12 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئالەمدىـن ئۆتىدۇ، كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى30 مىليون كرونا (شۋېتسىيـە پـۇلـى) نـىـڭ كۆپ قىسمىنى فوند بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىشنى،1901 - يىلدىن ئېتىبارەن، ھەر يىللىق ئۆسۈمىنى مۇكاپات قىلىپ خىمىيە، فىزىكا، فىزىئولوگىيە يـاكـى مـېدىتسىنادا زور كەشپىياتى بار كىشىلەرنى مۇكاپاتلاشنى، ئەڭ نادىـر ئەدەبـىـي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۈرتكـە بولۇشتا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى (1969 - يىلىدىن كېيـىـن يـەنـە ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى كۆپەيتىلدى) مۇكاپاتلاشنى ۋەسىيەت قىلـىـدۇ، مانا بۇ مەشھۇر نوبېل مۇكاپاتى
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر