كامپانېللا
مەشھۇر شەخسلەر
«قۇياش شەھىرى» نىڭ ئاپتورى كامپانېللا قەيسەر جەڭچى بولۇپ، پۈتكۈل ھاياتىدا30 يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان،50 نەچچە تۈرمىگە ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈرەش قىلىشنى ھېچقاچان توختىتىپ باقمىغان. ئۇ: «مەن ھىيلە - نەيرەڭ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە شەپقەتسىزلىككە ئوخشاش ئىللەتلەرنى قامچىلاش ئۈچۈن تۇغۇلغان» دېگەن.
كامپانېللا (1568 −1639 - يىللار)16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى،17 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئىتالىيە مۇتەپەككۇرى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى خىيالىي سوتسىيالىزمچى، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كالابرىيە ئۆلكىسىدىكى نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە موناستىردا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ چىققان. ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مېنىڭ پۈتۈن بەدىنىم بىر كىچىك مېڭىدە، − لېكىن مېنىڭ ئاچ كۆزلەرچە ئوقۇپ چىققان كىتابلىرىم كۆپلۈكىدىن پۈتۈن دۇنياغىمۇ پاتمايدۇ».1591 - يىلى، ئۇ تۇنجى ئەسىرى - «سەزگۈ ئەزا پەلسەپىسى» نى ئېلان قىلىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ تەلىماتىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. كېيىن، ئۆزىنىڭ قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرغانلىقتىن، دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرىدا دىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
كامپانېللا ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ناپلېس خەلقىنىڭ ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان.1599 - يىلى9 - ئايدا، ئۇ ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن، تۈرمىگە تاشلىنىپ27 يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدە قەلەمنى قورال قىلىپ، مەشھۇر ئەسىرى − «قۇياش شەھىرى» نى يېزىپ چىققان، بۇ كىتابى1623 - يىلى نەشر قىلىنغان.
«قۇياش شەھىرى» كامپانېللا توقۇپ چىققان غايىۋى شەھەر، بۇ شەھەردە خۇسۇسىي مال - مۈلۈك يوق، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلىدۇ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر كۈنىگە تۆت سائەت ئىشلەپ، قالغان ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇيدۇ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بالىلار ئىككى - ئۈچ يېشىدىن باشلاپ تەربىيىلىنىدۇ، ئون ياشتىن بۇرۇن ھەر خىل پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئىتالىيىدىكى تۆۋەن قاتلام ئاممىسىنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇش، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، سوتسىيالىزم تارىخىدا قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرغان.1626
- يىلى، كامپانېللا تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رىمغا كەلگەن. ئۇنىڭ تەسىرىدە، ئىتالىيىدە ئىسپانىيىگە قارشى يەنە بىر قېتىملىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈلگەن، نەتىجىدە، ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى يەنە قولغا ئالغان.1634 - يىلى10 - ئايدا، ئۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن.1639 - يىل5 - ئاينىڭ21 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن فرانسىيىدە ۋاپات بولغان.