UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەريـاڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ

يـاڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ

مەشھۇر شەخسلەر 1957 - يىلى12 - ئايدا، شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيـىـسـى شۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى جۇڭگولۇق ئىككى ئالىم ياڭ جېنـنـىـڭ (ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جـۇڭـگـولـۇق،1921 − ) بـىـلـەن لـى جـېـڭـداۋ (ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكـى جـۇڭـگـولـۇق،1926 − ) غـا بـەرگەن.1901 - يىلدىن باشلاپ، بۇ مۇكاپات مۇراسىمى نەچچە ئون قېتىـم ئۆتـكـۈزۈلـگـەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتقان. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋنىڭ ئاجـىـز ئۆزئارا تەسىر شارائىتىدا تەڭ ۋالېنتلىقنىڭ ساقلانماسلىقى تـوغـرىـسـىـدىـكـى ئىـلـمـىـي ماقالىسىنىڭ1956 - يىل ئېلان قىلىنغانلـىـقـى، ئۇلارنـىـڭ قـارىـشـىـنـىـڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەجرىبـە1957 - يـىلنـىـڭ بـېـشىـدا تاماملىنىپ، شۇ يىلىلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى تارىختا كۆرۈلمىگەن. ئىككىنچىدىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى پروفېسسور لى جېڭداۋ ئەيـنـى چـاغـدا ئاران31 ياشتا بولۇپ، تارىختا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكـەن ئالـىـملار ئىـچـىـدە ئۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياش. ياڭ جېننىڭمۇ ئەينى چاغـدا تـېـخـى36 ياشتىلا ئىدى. ئۈچىنچىدىن،57 يىلدىن بۇيان بۇ ئالىي شەرەپكە ئېـرىـشـكـۈچـىـلـەر نەچچە يۈزگە يەتكەن بولسىمۇ، بىرەرمۇ جـۇڭـگـولـۇق يـوق ئىـدى، شـۇڭا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتـىـگـە بـاھا بـېـرىـلـگـەنـدە، ئامېرىـكـا ئىـلـىـم - پـەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ «ئىككى ياش ئالىمنىـڭ شـانـلـىـق مـۇۋەپـپـەقـىـيـىـتـى ئىنسانلارنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت قاتلىمـىـدا شـەرقـلـىـكـلـەر بـىـلـەن غەربلىكلەرنىڭ تامامەن ئوخشاش ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىـكـىـنى ئىسپاتلىدى» دەپ قارىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. تۆتىنچىدىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئازابـىـدا قـالغـان دۆلـەتـتـە ئۆتـكـەن. بـۇلار تـۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتـىـن كـەچـۈرگـەن، ئۇلارنـىـڭ تـومـۇرىـدا يەندى - خۇاڭدى ئەۋلادلىرىنىڭ قېنى ئاققان، ھەتتا مـۇشـۇ تـۈرلـەرنـى تـەتقـىـق قـىـلـىـش جەريانىدىمۇ خۇاشيا ئۇسلۇبىنى نامايان قىلغان. لـى جـېـڭـداۋ مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكەندە: «ھازىرقى زامان فىـزىـكـىـسـىـنـىـڭ ئاسـاسـىـي قارىشىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دوكتور ياڭ جېننىڭ بىلەن كولومبـىـيـە ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى جۇڭگوچە رېستورانـدا غىزالىـنـىـۋېـتـىـپ دائىـم مۇزاكىرىلىشىپ ھاسىل قىلىنغان يەكۈن ئاساسىدا دۇنياغا ئېلان قىلىندى» دېگەن. ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ جۇڭگو چايخانىـسـىـدىـن يـېـتـىـلـىـپ چىققان ئالىم. ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ خېفىي ۋە شاڭخەيدىكى زىيالىي ئائىلىـلىرىدە دۇنـيـاغـا كـەلـگـەن، ئۇلارنـىـڭ ئوقـۇش مـەزگـىـلـى يـاپـون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغان مەزگىلگە تـوغـرا كـېـلـىـدۇ، ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىـن كـېيـىن، يۈنـنەنـنـىـڭ كۇنـمـىـڭ شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گۈيجۇنىڭ زۇنيـى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن جـېـجـيـاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئوقۇغان، ئەينى چاغدىكى ماددىي شارائىت ئىنتايـىـن ناچار بولۇپ، فىزىكا تەجرىبىخانىسى كونا بۇتخـانىـدا ئىـدى، سـىـنـىـپ ۋە ياتاقلار يىغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىتاب ئوقۇغـىدەكـمـۇ جـاي يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىلاجسىز سەھەردىلا چايخانىـغا بـېـرىـپ چـاي ئىچكەچ، كەچكىچە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. دەسلىپىدە بۇنىڭـغـا تازا كۆنەلمىگەن بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بـىـلـەن ۋاراڭ - چـۇرۇڭ ئىـچـىـدىـمـۇ كىتاب ئوقۇيالايدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن. ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ ئامـېـرىـكـىـغـا بـارغـاندىـن كـېـيـىن، ئېينىشتىيىن، تايلور، فېرمى قاتارلىق مەشھۇر ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىـسـى بىـلەن مـىـكـرو فـىـزىـكـا ئوقـۇپ، روشـەن نـەتـىـجـە قـازانغان. ھازىـر ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى فىزىكا دەرسلىكىدە «يـاڭ جـېـنـنـىـڭ - لـى جـېـڭـداۋ قانۇنى»، «ياڭ جېننىڭ تەڭلىمىسى» ۋە «لى جېڭداۋ نەزەرىيىسى» بار، بـۇلار چوقۇم ئۆگىنىلىدىغان مەزمۇنلاردۇر.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
يـاڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ | UyghurWiki | UyghurWiki