ئېددىنگتون
مەشھۇر شەخسلەر
ئارتور ئېددىنگتون (1882 −1944 ) بىر ئۆمۈر بويتـاق يـاشـاپ، خـوتـۇن ۋە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، بىراق قەيسەرانە روھ بىلەن ئېينىشتـېـيــنـنـىـڭ «كـەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى تۇنجى قېتىم ئىـسـپـاتلاپ، ئىـنسانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى قالدۇردى، بۇ ھەقىقەت: «نيۇتون مېخانىكىسىغـا ئوخشاش مۇشۇنداق شانلىق ئىلمىي ھۆكۈمنىمۇ مۇئەييەن دائىرىدىلا تەتبىقلىغىلى بولىدۇ، بولمىسا، خاتا خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.
ئېددىنگتون ئەنگلىيىنىڭ كېندال دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، كىچىكـىدىنلا يـاخشى تەربىيە كۆرگەن،1905 - يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنـى پۈتكۈزگەن.1916
- يىلى ئېينىشتېيننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىـيـىـسـى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيە ئىنتايىن ئابستراكت، چـۈشـىنـىـش قىيىن بولغاچقا، ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسـى سـۇس بـولغان. يەنە بۇ نەزەرىيىنىڭ نۇرغۇن خۇلاسىلىرى نيۇتوننىڭ فىزىـكـىـسـى بـىـلـەن زىت بولغاچقا، ھەتتا بەزى ئادەملەرنىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلـغان. ئېددىنگتون ئەينى چاغدا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ھەقىقـىـي چـۈشـەنـگـەن ئاز ساندىكى ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا ئەمەلىي كۆزىتىش ماتېرىـيـالـلـىـرىـنـى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىلا ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلـەرنـى قـايـىـل قـىـلـغـىـلـى بولىدىغانلىقى ئايان ئىدى.1919 - يىلى غەربـىـي ئافـرىـقـىـدا كـۈن تـولـۇق تۇتۇلىدۇ، ئېددىنگتون كۈن تۇتۇلۇشنى كۆزىتىش ئەترىـتـىـدىـن ئىـكـكىـنى ۋاقتىدا تەشكىللەيدۇ ۋە ئۆزى بىر ئەترەتنى باشلاپ كۆزىتىشكە بېـرىـپ، ئېينىشتېين بېشارەت بەرگەن ھادىسىنى تۇنجى قېتىم بايقايدۇ. بـۇ بـايـقـاش ئىلىم - پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ، كەڭ مەنىدىكى نىـسـپىـيـلـىـك نەزەرىيىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە شانلىـق نـۇرىـنـى چاچىدۇ.
ئېددىنگتوننىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلىدىغان يەنە بىر نەتىـجـىـسـى قـۇيـاشنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمـىـدىـكـى ئاتـوم يـادرو رېئاكسىيىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى قىياس قىلغانلىقى. ئۇ كىشىلەرنى قـايـىـل قىلغۇدەك دەرىجىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: قۇياش مـەركـىـزى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى20 مـىليـون سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ھەر مىنۇت - سېكۇنـتـتـا يـۈز بـەرگـەن ھىـدروگېـن بومبىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدىغان جەريان قۇياشنى تـۈگـىـمـەس نـۇر ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كېيىنـكـى تـەتـقـىـقـاتلار ئېـددىـنـگتوننـىـڭ پىكرى ئاساسەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.