لاۋرېنس
مەشھۇر شەخسلەر
تېزلەتكۈچ − زەرەتلىك ئىئون، ئېلېكترون، پروتون قاتارلىق مىكـرو زەررىچىلەرنى تېزلىتىدىغان تەجرىبە قۇرۇلمىسى. فىزىكلار تېزلەتكۈچتىن پايدىلىنىپ مىكرو دۇنيادىكى نۇرغۇن سىرلارنى بايقىيالايدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدا يوق ئىزوتوپلارنى ياسىيالايدۇ. سىكلوتروننى ئامېرىكىلىق ئالىم لاۋرېنس (1901 −1958 ) كەشىپ قىلغان. ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن1939 - يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
لاۋرېنستىن ئىلگىرى، باشقىلار بىرنەچچە خىل تېزلەتكۈچنى ياسـىـغـان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېزلەتكۈچلەرنىڭ ئېلېكترودى بەك قىسقا، ئېنېرگىيىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، قوللىنىلىشى ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
لاۋرېنس لايىھىلەش ئىدىيىسى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىـلـىـپ، ئۇزۇن ئېلېكترودنى يۆگەم قىلىپ ئورىغان، بۇنداق قىلغانـدا چـەكـلـىـك مەيدانغا ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇن ئېلېكرودنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن85 تونـنـا تـۆمـۈر ۋە8 تـونـنـا مىس ئىشلىتىپ، ئۆزى سىزغان چېرتيوژ بويىچە سىكلوتروننى ياسـاپ چـىـقـىدۇ، بۇ سىكلوترون زەررىچىلەرنىڭ سۈرئىتىنى مىلتىق ئوقى سۈرئىتىـنـىـڭ30 نەچچە مىڭ ھەسسىسىدىن ئاشۇرىدۇ. دۇنيـادىـكـى تـۇنـجـى سۈنئىي ئېلېمېنت تېخنېتسىي لاۋرېنسنىڭ سىكلوترونىدا بارلىققا كەلگـەن. ئۇ كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق رادىئاتسىيىنىڭ بۇلغىشىدىن ئىبارەت قىيـىـن مەسىلىسىنى بويسۇندۇردى، بۇنىڭ بىلەن خىزمەتچى خادىملار يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك زەررىچىلەرنىـڭ زىيان - زەخمىتىگە ئۇچرىمايدىغان بولدى.40 - يىللاردىن كېيىن، فـىـزىـكلار لاۋرېنس ئىجاد قىلغان سىكلوتروندىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن يېڭى تىپتـىـكـى يادرو رېئاكسىيىسىنى بايقىدى، ئىلگىرى ئۇچرىتىپ باقمىـغـان نـەچـچـە100 خىل ئىزوتوپنى كۆزەتتى، ئاتوم بومبا ياساش مەقسەت قىلىنغان مانخاتتون قۇرۇلۇشـىدا، لاۋرېنس ئۆزىنىڭ سىكلوترونى ئارقىلىق، ئۇران ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %.07 ىنىلا ئىگىلەيدىغان ئۇران235 نى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاتوم بومبىنـى كـەشىپ قىلىش ئۈچۈن زور تۆھپە كۆرسەتتى. لاۋرېنس يەنە تېزلىتـىلـگەن زەررىچىنى بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتى ھەم داۋالاش جەھەتـلـەرگـە ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تۇنجى قېتىملىق تېز نېيترون ئېقىمـى ئارقىلىق چوڭقۇر قىسىمدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى داۋالاش تەجرىبىسىنـى ئىشلىدى، كېيىن سىكلوترون ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئىزوتوپلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئومۇملاشتى.1961
- يىلى، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى لاۋرېنس رادىئوئاكتىۋ تەجرىبىخانىسى سىكلوترون ئارقىلىق يېڭى بىر خىل ئېلېمېنتنى سۈنئىي سىنتېزلىدى، بۇ ئېلېمېنت ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ103 - ئورنىـدا تـۇرىدۇ. لاۋرېنسنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ ئېلېمېـنـتقا «لاۋرېـنـتسىي» دېگەن نام بېرىلدى