UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرئېراتوسفېن

ئېراتوسفېن

مەشھۇر شەخسلەر 2000- يىل ئىلگـىـرى، مـەلـۇم بـىـر ئادەم ئاددىـي ئۆلـچـەش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنى ھېسابلاب چىقىـدۇ. بـۇ ئادەم قەدىمكى يۇنانىستانلىق ئېراتوسفېن (تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىـكـى275 −194 ) ئىدى. ئېراتوسفېن چوڭقۇر بىلىملىك كىشى بولۇپ، ئاستـرونـومـىـيـىـگـە پىششىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇغراپىيىنىمۇ پىششىق بىلـەتـتـى؛ ئۇ يـەنـە شائىر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس، پـەيلاسـوپ بولـۇپ، ئالېكـسـاندرىيـە مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئەستايىدىل مىجەزلىك ئېراتوسفېن ئالېكساندرىـيـە شـەھىـرىـدىـن تەخمىنەن800 كىلومېتىر يىراقلىقتـىـكـى سـەيـىـن شـەھىـرى (بـۈگـۈنـكـى مىسىردىكى ئاسۋاننىڭ ئەتراپىدا) ياز كۈنلىرى چـىـڭـقـى چـۈشـتـە قـۇيـاش نۇرىنىڭ قۇدۇق تېگىگىچە چۈشىدىغانلىقىنى، بۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى تـىـك تۇرغان نەرسىلەرنىڭ سايىسى بولمايدىغـانـلـىـقـىـنـى بـايـقـايـدۇ. بـىـراق، ئالېكساندرىيە شەھىرىدە يەر يۈزىدىكى تىك بۇيۇملارنىڭ ئىنتايىن قىـسـقـا سايىسى بار ئىدى. ئۇ، تىك تۇرغان بۇيۇملارنىڭ سايىسى ئالېكساندرىـيـە شەھىرىدىكى قۇياش نۇرى بىلەن تىك بۇيۇملار ئارىـسـىـدا شەكىللەنگەن ئارا بـۇلـۇڭدىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلـىـكـى ۋە قۇياش نۇرىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تارقىلىدىغـانـلـىـقـىـدىـن ئىـبـارەت ئالدىنقى شەرتنى چىقىش قىلىپ، تەسەۋۋۇردىكى يەر مەركىـزىـدىـن سـەيـىـن شـەھىـرى ۋە ئالېكساندرىيە شەھىرىگە ئىككى تال تۈز سىزىق سىزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئارا بۇلۇڭ ئالېكساندرىيە شەھىرىدىكى قـۇيـاش نـۇرى بـىـلـەن تـىـك تـۇرغـان بۇيۇملار ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئارا بۇلۇڭغـا تـەڭ بـولـىـدۇ، دەپ قـىيـاس قىلىدۇ. ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، مەلـۇم بولغان ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتىن پايدىـلـىـنـىـپ، يـەر شـارىـنىـڭ ئايلانمىسىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولاتتى. ئېراتوسفېن ئارا بـۇلۇڭنىڭ تەخمىنەن7 گرادۇس، يەنى يەرشارى چەمبەرلىك بـۇلـۇڭـى (360 گرادۇس) نىڭ50 تىن بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىقىپ، مۇشۇ ئاساسـتـا يـەر شـارى ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن40 مىڭ كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ھېسـابلاپ چىقىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ ئەمەلىي ئايلانما ئۇزۇنلۇقى (40 مىڭ76 كىلـومـېـتـىـر) دىـن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلـىـقـى147 مىليون كىلومېتىر ئىكەنلىكىنـى ھېـسـابلاب چـىـقـىـدۇ، بـۇ ئەمـەلـىـي ئارىلىق149 مىليون كىلومېـتـىـرغا كـىـشـىـنـى ھەيـران قـالـدۇرغـۇدەك دەرىجىدە يېقىنلىشىدۇ. بۇلار ئېراتوسفېننىڭ تەلىماتى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تولـۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئېراتوسفېن «جۇغراپىيە» دېگەن نـامـنـى ئەڭ بۇرۇن قـوللانـغـان ئادەم، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ نام ئەنئەنـىـۋى «يـەر تەزكىرىسى» نـىـڭ ئورنىنى ئالغان، ئۇ ئۈچ توملۇق ئەسەر يازغان. كىتابتا يەر شارىنـىـڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە دېڭىـز - قـۇرۇقـلـۇقلارنـىـڭ تـارقـىـلـىـشـى تەسۋىرلىنىدۇ. ئېراتوسفېن يەنە مېرىدىئان − پاراللېل تورىدىن پايدىلىنىپ خەرىتە سىزىپ، فىزىكا قائىدىلىرى بىلەن ماتېماتىكا ئۇسۇلـىـنـى ئەڭ بۇرۇن بىرلەشتۈرۈپ، ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيىنى بەرپا قىلغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ئېراتوسفېن | UyghurWiki | UyghurWiki