ئامپېر
مەشھۇر شەخسلەر
كۆپچىلىك توك بىرلىكىنىڭ «ئامپېر» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما، ئامپېرنىڭ ئاسـاسەن ئۆزلـۈكىـدىـن ئۆگـىنـىـش ئارقـىـلـىـق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن فىزىك ئىكەنلىكىنى بىلىشى ناتايىن.
ئامپېر (1775 −1836 ) فرانسىيىنىڭ لىئون شەھىرىدە تۇغـۇلـغـان، مـۇنـتـىـزىم تەربىيە كۆرمىگەن، كىچىك ۋاقىـتـلـىـرىـدا ئائىـلە ئوقـۇتـقـۇچىـسـىـنـىـڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. ئاتىسى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىـش يولىغا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىتاب ئېلىپ بېرىـدۇ. شـۇنـىـڭ بىلەن، ئۇ كەڭ دائىرىدە كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىدۇ،12 يېشىدا دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى ئۆگىنىۋالىدۇ،14 يېشـىـدا جـىـدول ۋە دالامـپلار تـۈزگـەن20 توملۇق «ئېنسىكلوپېدىيە» نى ئوقـۇپ تـۈگـىـتـىـدۇ، بـۇنـىـڭ بـىـلـەن كـەڭ دائىرىدىكى بىلىمگە ئېرىشىدۇ ۋە تەبىئىي پەنگە ئىـنـتـايـىـن قىزىقىدۇ.26 يېـشـىـدا بـۇگـا شـەھىـرى مـەركـىـزىي ئوتـتـۇرا مەكتىپىدە فىزىكا ۋە ماتـېـمـاتـىـكـا دەرسـى ئۆتىـدۇ،34 يـېـشـىـدا پـارىـژ تېخنولوگىيە مەكتىپىدە پروفېسسور بولـىـدۇ،39 يـېـشـىـدا پـارىـژ پـەنـلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولىدۇ.1824 - يىلىدىن ئېتىبارەن فـرانـسـىـيـە ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولىدۇ.
ئامپېر ئېلېكتر ماگنىت تەسىرى توغرىسىدىكى تەتقىقـاتـقـا غـايـەت زور تۆھپە قوشىدۇ.1820 - يىلى ئامپېر ئېرىستېدنىڭ تـوكـنـىـڭ مـاگـنـىـت ئېففېكتىنى بايقىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال كـۆپـلـەپ تـەجـرىـبـە ئىشلەيدۇ ۋە ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرگـە دائىـر قانۇنلارنى يەكۈنلەپ، ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىـنـىـشـنـى ئېچىپ بېرىدۇ.1820 - يىلى ئۇ ئېلېكتر ئېقىمـى مـاگـنـىـت مـەيـدانـىـنـىـڭ ماگنىت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىگە تـەسـىـرى تـوغـرىـسـىـدىـكـى پرىنسىپنى، يەنى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان ئامپېر پرىنسىپىنى بـېـكىتىدۇ.1822 - يىلى ئۇ سولىنوئىدنىڭ ماگنىت ئېففېكـتـىـنـى بـايـقـاپ، ئەڭ بـالـدۇر ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئارىسىدىكى قويۇق «مەنبە» مۇناسىـۋىـتـىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ماددىلارنىڭ ماگنىت خاراكتېرىنى بىلىشتىكى مۇھىـم نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئايلىنىدۇ.1826 - يىلى ئامپېر ئېلېكـتـر ئېـقـىـمىـنـىـڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىش كۈچىنىڭ مىقدارلىق مۇناسىۋىتى قانۇنى − ئامپېر قـانۇنىنـى يەكۈنلەپ چىقىدۇ.
ئامپېرنىڭ يېقىنقى زامان فىزىكا تارىخىدا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان ئالىـم بولالىشى ئۇنىڭ ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، نـۇرغـۇن كىتابلارنى ئوقۇپ، پۇختا ئاساس سالغانلىقىدىن باشـقـا، يـەنـە ئۇنـىـڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشى، بوشاشماي تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلـىـقـىـدىـن ئايرىلمايدۇ. ئۇ دائىم مەسىلىلەر ئۈستىدە بېرىلىپ ئويلانغاچقـا، ئەتـراپـىـدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ يولدا كېتىۋاتقاندا، ئېسىگە توساتتىن بىر تېما كېلىدۇ، ئالدىدا بىر دوسـكـا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يانچۇقىدىن بورنى ئېـلـىـپلا ھېـسـابلاشقـا بـاشلايدۇ، ھېسابلاۋاتقاندا دوسكا تۇيۇقسىز مېڭىشقا بـاشلايـدۇ، ئۇنـىـڭ ئۈستىگـە بارغانسېرى تېز مېڭىپ ئۇ يېتىشەلمەي قالىدۇ، بـۇ چاغدا ئۇ ئەتراپتىكـى كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن كۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ئەسلىدە بۇ دوسكا قارا رەڭلىك پەيتۇننىڭ ئارقا تەرىپى ئىكەن.