UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەركوخ

كوخ

مەشھۇر شەخسلەر يىراق قەدىمدىن تارتىپ100 نەچچە يىل ئىلگىرىگىچە، ئىنسانلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاپىتىگە ئۇچرىدى، خولېرا، چۇما، ئۆپكە سىلى قاتـارلىقلار سانسىزلىغان ئادەمنى ھاياتىدىن جۇدا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بـۇ ۋابالار تىزگىنلەندى. گېرمانىيىلىك پروفېسسـور روبېرت كـوخ (1843 −1910 ) يـۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھەل قىلـغـۇچ تـۆھپـە قوشتى. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتـقـۇزۇپ قالدى. كوخ گېرمانىيىدىكى بىر كانچىلىق شەھىرىدە تۇغۇلغان،23 يـېـشـىدا مېدىتسىنا بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن دوختۇرلۇق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ كېسەللەرگە سەۋەب قىلالمىغانلىـق تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەر قېتىم كۆرگىنىدە، يۇقۇملۇق كېـسەللىكنىڭ باش جىنايەتچىسىنى تۇتۇش كېرەك، دەيدىغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان. ئەينى چاغدا، مىليونلىغان قوي - كالىلار بىر كېـچىدىلا كۆيدۈرگىدىن ئۆلۈپ كېتەتتى، شۇنىڭدەك پادىچىلار، كۆن - تېرە سودىگەرلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزەتتى. ئۇ كېسەل قوينىڭ قېنىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق تاياقچە ۋە ئۇزۇن يىپچىلارنى كۆرۈپ، مۇشۇلار كۆيـدۈرگـىنى پەيدا قىلغۇچى تاياقچە باكتېرىيە بولسا كېرەك، دەپ قىياس قـىلـىدۇ. كوخنىڭ تەجرىبە ئۈچۈن قوي - كالا سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغـاچقـا، ئاق چاشقاننى تەجرىبە قىلىشنى قارار قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قىياسىنى ئىسپاتلايدۇ ھەم كۆيدۈرگە تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتـى ۋە ئىقتىدارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. كوخ باكتېرىيە ئۆستۈرۈش جەريانىدا، مەلۇم خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ مەلۇم خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. كوخ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەتقىقاتنى ئاددىي شارائىتتا ئىشلـەيـدۇ. بىراق، ئۇ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن ئاددىي، قۇلايلىـق، ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنى ئەپچىللىك بىلەن لايىھىلەپ تەتقىقات ئىشلەيدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. مەسىلەن، قاتتىق جىسىمدا يېتىشتۈرۈش، ئېـسـىـپ تېمىتىپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتـىـدۇ. كـېـيـىـن ئۇ سەھرادىن گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ.1882 - يـىلى، ئۇ بىرقەدەر ياخشى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپى ئىـنـتـايىن زور بولغان سىل باكتېرىيىسىنى بايقايدۇ. بۇ ئەينى چاغـدىـكـى ئەڭ زور باكتېرىيە تەتقىقاتى نەتىجىسى بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن سىل كېسىـلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ1905 - يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. كېيـىـن كـوخ نـۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، چۇما، ماخاۋ، خولېرا، بەزگەك، ئاقسىل، بىھوش ئۇخلاش كېسىلى ھەمدە كالا ئازار كېسىلى قاتارلىق ساقايماس كېسـەللەرنى ئايرىم - ئايرىم تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك تـەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ۋابالارنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر