نېھرۇ
مەشھۇر شەخسلەر
جاۋاخارلال نېھرۇ (1889 −1964 - يىللار) شىمالدىكى ئاللاھاباتتىكى براخمان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەنگلىيە خاررو مەكتىپى ۋە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەبىئىي پەن ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. غەربنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلغان.1912 - يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاللاھاباتتا ئادۋوكات بولغان ۋە گەندىگە ئەگىشىپ ھىندىستاننىڭ مىللىي ئازادلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان. نەچچە ئون يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، مەغلۇپ بولغان ۋە تۈرمىلەردە ياتقان، ئون نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىپمۇ باش ئەگمىگەن، تىز پۈكمىگەن.1947
- يىلى8 - ئايدا ھىندىستاننىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىپ، نېھرۇ تۇنجى زۇڭلى بولغان ھەمدە تاكى1964 - يىل5 - ئاينىڭ27 - كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، نېھرۇ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن. ئۇ ئېيتقان سوتسىيالىزم ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، كوممۇنىزم بىلەن كاپىتالىستىك دۆلەتنىڭ ئورتودوكسال ئەمەلىيىتى ئارىلىقىدىكى بىر خىل يولدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل سوتسىيالىزمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەممە ئادەم تەڭ پۇرسەتكە ئېرىشىش، ھەممە ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئالدى بىلەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى نامرات، جاپاكەش خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، سانائەت دۆلەت ئىلكىدە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش، تىنچ ۋە دېموكراتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
نېھرۇ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك رولىنى تۇتقان.1954 - يىلى6 - ئايدا تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ۋە جۇ ئېنلەي زۇڭلى بىلەن «جۇڭگو شىزاڭ بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە قاتناش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان، كېلىشىمگە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى» كىرگۈزۈلگەن.1955
- يىلى باندۇڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، نېھرۇ كۆپ قېتىم جۇ ئېنلەي زۇڭلى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئىككىسى كۆپ تەرەپتىن خىزمەت ئىشلەپ، «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى» نى باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرغان. جۇڭگو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، باندۇڭ يىغىنىدا ئاخىر «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى» يادرو قىلىنغان « باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئون پرىنسىپى» بارلىققا كېلىپ، ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان مىزان بولۇپ قالغان ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە زور تەسىر پەيدا قىلغان.