جەن تيەنيۇ
مەشھۇر شەخسلەر
جۇڭگودىكى دەسلەپكى تۆمۈريوللار چەت ئەللىكلەرگە تايـىـنـىـپ ياسالغان.1909 - يىل9 - ئاينىڭ24 - كۈنى بېيـجـىـڭـدىـن جياڭجياكۇغا بارىدىغان تۆمۈريولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جۇڭـگـودا تامامەن ئۆزىگە تايىنـىـپ يـاسـالـغـان تـۆمـۈريـول بـارلـىـقـقـا كـەلـگەن. بـۇ تۆمۈريولنىڭ باش ئىنژېنېرى جۇڭگونىڭ تۇنجـى تـۆمـۈريـول قـۇرۇلـۇشـى مۇتەخەسسىسى جەن تيەنـيـۇ (1861 −1919 ) بولۇپ، ئۇنـىـڭ تـۆھپـىـسـىـنـى خاتىرىلەش ئۈچۈن، تاغلىق ئىچىگە جايلاشقان چىڭلۇڭچياۋ ۋوگزالىغـا ئۇنىڭ مىس ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان.
جەن تيەنيۇ گۇاڭدۇڭنىڭ نەنخـەي نـاھىيـىسـىـدە تۇغۇلغان،12 يـېـشـىـدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئۆسمۈرلەر تەييارلىق سىنىـپـىغـا كىرگەن،1888 - يىلى ئامېرىكىنىڭ يالې ئۇنىۋېرسىتېتى قـۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان.1905 - يىلدىن1909 - يىلغىچە بولغان تۆت يىل ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈنلەي جۇڭگولۇقلار قىدىرىپ ئۆلچىگەن، لايىھىلىگەن، قۇرۇلۇش قىلغان بېيجىڭ - جاڭجياكۇ تۆمۈريولىنى يـاساشـقـا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان قاتناش ئىشلىـرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.
بېيجىڭ - جاڭجياكۇ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقـى200 نـەچـچـە كىلومېتىر بولۇپ، يولنىڭ كۆپ قـىسـمـى ئېـگـىـز تـاغ، تىك چوققىلار ئىدى، بېيجىڭنىڭ نەنكۇ بازىرىدىن شىمالغا ماڭغاندا، جۈيۇڭگۇەن، چىڭـلۇڭچاۋدىن ئۆتۈپ، بادالىڭغىچە بولغان20 كىلومېتىرلىق لىنىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تـەدرىـجـىـي ئېگىزلەيدۇ، بۇ جايلار ئېگىز تاغ، تىك يالاردىن تۈزۈلگـەن. بـۇ يەردە تۆمۈريول ياساشتىن ھەتتا چەت ئەللـىكـلـەرمـۇ قـورقـقان. ئۇلار بـۇ تۆمۈريولنى ياسىيالايدىغان جۇڭگولۇق تېخى تۇغۇلمىغان بـولـسـا كـېـرەك! دېيىشكەن. جەن تيەنيۇ جۇڭگولۇقلارنـىـڭ قـەددىـنـى رۇسلاش قـارارىـغـا كېلىپ، بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. پۈتۈن لىنىـيـىـدىـكـى ئەڭ مۈشكۈل گۇەنگۇ بۆلىكىدە تۆت تونىل ئېچىـشـقـا تـوغـرا كـېـلەتتى، بـۇنـىـڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇنى بادالىڭ تونىلى بولۇپ،1091 مـېـتىـر چىقاتتى. قۇرۇلۇش قىلغاندا، جەن تيەنيۇ باش ئىنژېنېـر ئىـش بـېـجـىـرىـش ئورنىنى نەنكۇغا كـۆچـۈرۈپ كـېـلـىـپ، يـەرلـىـكـنـىـڭـكـى بـىـلـەن چـەت ئەللىكنىڭكىنى بىرلەشتۈرۈش چارىسىنى قوللىنىپ، ماتېرىيالنى شۇ جاينـىـڭ ئۆزىدىن تېپىپ، تۆمۈر كۆۋرۈكنىـڭ ئورنـىـغـا تـاش كـۆۋرۈك سېـلىـپ، قۇرۇلۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن. دۇنياغا مەشھۇر بـادالىڭ تونىلى سەككىز ئايدىلا ئېچىلىپ بولغان. تۆمۈريولنىڭ تاغنى بويلاپ ئۆرلەش يانتۇلۇقى بەك چوڭ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جـەن تيەنيۇ «人» شەكىللىك يانتۇلۇققا يامىشىش لايىھىسىنى ئىجادىي لايىھىـلـەپ چىقىپ، يانتۇلۇق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتكەن؛ شۇنىڭ بـىلەن بىللە، يەنە زور ئات كۈچىگە ئىگە ئىككى پاراۋوز لايىھـىلەپ، پـاراۋوزنىڭ تارتىش كۈچىنى ئاشۇرغان، بۇنىڭ بىلەن پويىز داجىماستىن چوققـىـغـا چىققان.
بۇ جاپالىق قۇرۇلۇشنى ئەسلىدە ئالتە يىلدا تاماملاش پىلانلانـغـان بولسىمۇ، ئەمما تۆت يـىـلـدىلا تـامـامـلانغان. ئومـۇمـىـي خـىـراجـەت چـەت ئەل ھۆددىگەرلىرى تەلەپ قىلغان باھانىڭ بەشتىن بىر قىسمىغىلا تـوغـرا كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن جەن تيەنيۇ ئوتتۇرىغا قويغان «پۇلنى ئاز خەجلەش، سۈپـەت ياخشى بولۇش، قۇرۇلۇشنى تېز تامـاملاش» تىن ئىبارەت ئۈچ تەلەپ تولۇق ئورۇندىغان، يەنە جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈم تۆمۈريول ئىـنـژېنېـرلىرى تەربىيىلىنىپ، كېيىن تۆمۈريول ياساش ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.
جەن تيەنيۇ يول ياسىغان30 نەچچە يىـلـدا، قـۇرۇلـۇش ئورنـىـدا30 نەچچە يىـلـنـى ئۆتـكـۈزۈپ، ئېـلـىـمـىـزدىـكـى زور بـىـر تـۈركـۈم مـۇھىـم تۆمۈريوللارنى ياساشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ يەنە پاراۋوز، ۋاگون، سىگنـال قوماندانلىقى قاتارلىق تۆمۈريول تېخنىكىلىرىغىمۇ مۇھىم تـۆھپـە قـوشقان. ۋاگونلارنى ئاپتوماتىك چېتىش ئۇنىڭ مۇھىم كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى.