UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەركاۋېندىش

كاۋېندىش

مەشھۇر شەخسلەر ئەنگلىيىلىك كاۋېندىش (1731 −1810 ) تارىـخـتـىـن بـۇيـانـقـى ئەڭ ئۇلۇغ تەجرىبە ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئۇ مېخانىكا، تېرمولوگىيە (ئىسسىقلىق ئىلمى)، ئېلېكـتـر ئىلمى، خىمىيە قاتارلىق ساھەلەرگە دەۋر بـۆلـگـۈچ تـۆھپـە قـوشـقـان.100 نەچچە يىل ئىلگىرى، كاۋېندىش ئۆزى لايىھىلىگەن تولغانما تارازا ئارقىلىـق كېيىنكىلەر مەشھۇر كاۋېندىش تەجرىبىـسـى دەپ ئاتىغـان تـەجرىبىنى ئىشلەپ، ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنـى ئىسپاتلاپ، يـەر شـارىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىقى سۇ زىچلىقىنىڭ481 .5 ھەسسىسى (ھازىرقى سانلىـق قىممەت517.5) ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان ھەم ئالەملـىـك تـارتـىـش كۈچى تۇراقلىق سانىنى بېكىتىپ، يەر شارىنىڭ ماسسـىـسـىـنـى ھېـسـابلاب چىققان. كېيىن كىشىلەر ئۇنى «يەر شارىنىڭ ئېغىرلىقىنى تـۇنـجـى قـېـتـىـم ئۆلچىگەن ئادەم» دەپ ئاتىغان. ئادەمنى قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، ئەينى چاغلاردا ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كاۋېندىش ئېلېكتر ئىلمى تەتقىقاتىدا ئۆز بەدىنىنى تەجرىبە ئۈسكۈنىسى قىلىپ، بارماق، بېغىش، جەينەك قاتارلىق ئورۇنلارنى توك سوققان چاغدىكـى ئۇيۇشۇش سېزىمىگە ئاساسەن، ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى مۆلچەرلىگەن. مانا مۇشۇنداق ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان روھ بىلەن، زەرەتنىڭ كۋادراتقـا تەتۈر تاناسىپ بولۇش قانۇنى (يەنى، كۇلۇن قانۇنى) قاتارلـىـق ئېـلـېـكـتـر ئىلمىدىكى چوڭ - چوڭ قانۇنلارنى بايقىغان، بۇ1785 - يىلى كـۇلـۇن قانۇنى كەشىپ قىلىنىشتىن13 يىل ئىلگىرى ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنمىغان. كاۋېندىش يەنە ئىلىم - پەننى جەمئىيـەتـكـە تـەتبـىـقلاشـقـا مـاھىـر ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئوق - دورا ئىسكىلاتى ئۈچۈن چاقماق قايتۇرۇش قۇرۇلمىسىنـى، دۆلەتنىڭ پۇل ياساش زاۋۇتى ئۈچۈن مېتال پۇللارنىڭ سۈركىلىپ خورىشـىـنـى ئازايتىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. كاۋېندىش ئىلىم - پەندە شۇنچە كۆپ تۆھپىسـى بـولـسـىـمـۇ، لـېـكـىـن تۇرمۇشتا غەلىتە ئىدى. مىليونلاپ پۇلى بولسىمۇ، تۈگمىلىرى تـولـۇق بىرەرمۇ كىيىمى يوق ئىدى؛ ئۇنىڭ كەڭ - كۇشادە چىرايلىق تۇرالغۇسى بولسـىـمـۇ، ئايالى، پەرزەنتلىرى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى تەجرىبىخـانـا ۋە كۇتۇپخانىدا ئۆتكەن. ئۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تـىـرىـشـىـپ ئىـشـلـەيـتتى، باشقىلارنىڭ خۇشامىتىنى ياقتۇرمايتتى؛ ئۇ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا مـاھىـر بولمىغاچقا، باشقىلار بىلەن ئۇچراشسا يۈزى قىزىراتتى، ھەتتا ئايال مالىيىدىنـمـۇ ئۆزىنى قاچۇراتتى، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئادەملەرنى رەنجىتكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيـىـن قـالدۇرغـان نـۇرغۇن مـاتـېـرىـيـال ۋە ئورىگىـنـاللارنـى مـاكـسـىـۋېل بەش يـىـل رەتـلـەپ، ئاخـىـرىـدا «ھېـنـرى كاۋېندىشنىڭ ئېلېكتر ئىلمىي تەتقىقاتى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. ھاياتىنى ئاددىي - ساددا ئۆتـكـۈزگـەن كـاۋېـنـدىـش نـۇرغـۇن مـىـراس قالدۇرغان، بۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ جـەمـەتـىـدىـكـىـلـەر1781 - يـىلـى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەدىيە قىلغان، كامبرىج ئۇنىۋېرسـىـتـېـتـى بـۇ پۇل بىلەن دۇنياغا مەشھۇر «كاۋېندىـش تـەجرىبـىـخـانىـسـى»نـى قۇرغان. كاۋېندىشنىڭ روھى مۇشۇ تەجرىبىخانا بىلەن بىللە100 نـەچـچـە يىلدىن بۇيان فىزىكا پېنىنىڭ تـەرەقـقـىـيـاتـى ئۈچۈن غـايـەت زور تـۆھپـە قوشۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلـەردىـن26 ئادەمنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
كاۋېندىش | UyghurWiki | UyghurWiki