UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەريۈەن لۇڭپىڭ

يۈەن لۇڭپىڭ

مەشھۇر شەخسلەر 20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرى، شەرقتىكى قەدىمىي مەدەنىي دۆلەتنىـڭ بىپايان زېمىنىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «يېشىل ئىنقىلاب پارتلىغان»، جۇڭگو «2 - قېتىملىق يېشىل ئىنقىلاب» دەپ ئاتالغان شالغـۇت شالنى يېتىشتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى نەچچە10 مىليارد جىڭ ئاشۇرىدۇ ھەم بۇ شال ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، بۇ مېكسىكـا پاكار غوللۇق بۇغدىيى يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، دۇنيا خاراكتېرلىك ئاشلىق قىسچىلىقىنى ھەل قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىـگـە يەنە بىر قېتىملىق ئىلمىي كەشپىيات دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ غەلىبە ئۈچۈن تۇنجى تۆھپە قوشقۇچى خـۇنـەن ئۆلكىلىك يېزا ئىـگىلىك پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسى شالغۇت شال تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور يۈەن لۇڭپىڭ (1930 − ) ئىدى. يۈەن لۇڭپىڭ خۇنەندىكى ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تـۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ئېتىز ئەمگىكىگە قاتناشقان بولغاچقا، يېزىدىـكـى ھەربـىر تـال گىياھنى قىزغىن سۆيىدۇ، شۇنداقلا ھەربىـر تـال دان ئۈچۈن سـىـڭـگـەن ئەجىرنى بىلىدۇ، ئۇ1959 - يىلى غەربىي جەنۇب يېزا ئىگىلىك ئىنستـىـتـۇتىنـىـڭ دېھقانچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خۇنەننىـڭ چيـەنـيـاڭ يـېـزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئىرسىيەت، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش دەرسىنى ئۆتىدۇ.1 - ئەۋلاد شالغۇتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىـپ دېـھقـانـچـىلـىـق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۈش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىـقـىرىـشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملـۈك تـېـخنىكـا ۋاسىتىسى. ئامېرىكا30 -،40 - يىـلـلىـرىلا شـالـغـۇت كـۆمـمـىقـونـاقنى ئومۇملاشتۇرغان، مېكـسـىـكـىـدا50 - يـىللاردا پاكار غـوللـۇق يـۇقـىـرى ھوسۇللۇق شالغۇت بۇغداي بارلىققا كەلگەن. بىراق،20 - يىـللاردىن بۇيان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئالىملىرىنىـڭ ئۆزىدىـن چـاڭـلىـشـىدىغان شالغۇت شالنىڭ ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتـى ئىزچـىل مـۇۋەپـپـەقـىيەت قازىنالمايدۇ. يۈەن لۇڭپىڭ يېزا ئىگىلىك مەكتـىـپـىـدە، بىر تەرەپتىن، ئوقـۇتـۇش بـىلەن شۇغۇللانغاچ سىرتنىڭ شال يېتىشتۈرۈش ئەھۋالى بىلەن ۋاقتىدا تونـۇشـۇپ تۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتراپتىكـى شال ئېـتىـزلىـرىـدىـكـى ئالاھىدە ئالامەتلىك تـۈپلەرنى كـۆزىتىـدۇ.1960 - يـىلـى، ئۇ يـۇقـىـرى ھوسۇللۇق شال سـورتـى يـېـتـىـشتـۈرۈش تـەجـرىـبـىـسـىـدە، تـەبىئىـي شالغۇتلاشقان شالدىن بىر تۈپنى بايقاپ، سۈنئىي شالغۇتلاشتۇرۇلغـان شـال يېتىشتۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ.1964 - يىلى يازدا، ئۇ تۇنجى قېتىم ئاتىـلـىـقـى يېتىلمەيدىغان تۈپنى بايقايدۇ، كېيىن ئۇ شالدىكى ئۈچ تۈرلۈك سورتداش (ئاتىلـىـقـى يېتىلمەيدىغان سورتداش، ساقلىغۇچى سورتداش، ئەسلىگـە كەلتۈرگۈچى سورتداش)نى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق شالغۇتلاشتۇرۇش تـەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە جاپاغا چىداپ، ئېتىز تەجرىبىسىنى چـىـڭ تـۇتـۇپ ئىشلەيدۇ.1973 - يىلى، قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيا بـويىچـە كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە تۇنجى شالغـۇت شالنى يـېتىـشتۈرۈپ چىقىدۇ،1974 - يىلى ۋە1975 - يىلى، جەنۇبتىكى نۇرغـۇن جايلاردا سـىناق قىلىپ تېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ،1976 - يىلىدىن كېيىن، كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو دۇنيا بويىچـە شالغۇت شال ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوخشاش شارائىتتا، شالغۇت شال مـەھسۇلاتى ئادەتتىكى ئەلا سورتلارنىڭكىدىن %20 − %30، يۇقىرىلىرىنىڭ% 50 تىن كۆپرەك ئاشىدۇ.1980 - يىلى، سوقىچاق شالغۇت شال ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئېكــسـپـورت پاتېنتى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، ئۇنى قىسقا ۋاقىت ئىـچـىـدە شال ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالىدۇ. يۈەن لۇڭپىڭنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە كۆرسەتكەن گەۋدىلىك تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن،1981 - يىلى دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېـتـى ئۇنـىـڭـغـا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئالاھىدە دەرىجىلىك كەشـپـىـيـات مۇكاپاتىنى بەردى.1985 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تـەشـكـىلاتـى دۇنـيـا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا كەشپىيـات - ئىجـادىـيـەت ئالـتـۇن مېدالى بەردى.1987 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنىڭغا ئىلىم - پەن مۇكاپاتى بەردى.1988 - يـىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە خەلقئارا لانكىج ئالـتـۇن مـۇكـاپـاتـىـغـا ئېـرىـشىـدۇ، خەلقئارادىكى دوستلار ئۇنى «جۇڭگو شالغۇت شـېلـىنىڭ ئاتىسـى» دەپ ماختىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
يۈەن لۇڭپىڭ | UyghurWiki | UyghurWiki