فرېدرىخ Ⅰ
مەشھۇر شەخسلەر
2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە فاشىستلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى «باباروسا پىلانى» دەپ ئاتىغان، «باباروسا» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى «قىزىل ساقال» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە گېرمانىيە پادىشاھى فرېدرىخ Ⅰنىڭ لەقىمى ئىدى.
فرېدرىخ 1 (1123 −1190 - يىللار) ئوتتۇرا ئەسىردىكى «مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى»نىڭ پادىشاھى. ئۇ بەستلىك، چىرايى سۈرلۈك، ئۇزۇن قىزىل ساقاللىق بولغاچقا، ئەينى چاغدا كىشىلەر تەرىپىدىن «قىزىل ساقال فرېدرىخ» دەپ ئاتالغان. فرېدرىخ Ⅰناھايىتى ئىقتىدارلىق بولۇپ، تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىگە رىمنىڭ پادىشاھى دەپ تەمەننا قويۇپ، ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان.
فرېدرىخ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىتالىيىگە ئالتە قېتىم تاجاۋۇز قىلغان.1154 - يىلى تۇنجى قېتىم ئىتالىيىگە قوشۇن تارتىپ، پاپا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پاپىغا قارشى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. قوشۇن تارتىشتىن ئىلگىرى، پاپا ئىش پۈتكەندە ئۇنىڭغا تاج كىيدۈرۈپ، «مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى» دەپ نام بېرىشكە ۋەدە قىلغان، لېكىن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پاپا ئۇنىڭغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان شەرت قويۇپ، ئۇنى ئۆزى مىنگەن ئاتنى يېتىلەپ مېڭىشقا بۇيرۇغان، بۇ ئىشقا فرېدرىخنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكتىن، تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى كەينىگە سۈرۈلۈپ،1155 - يىلى6 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىتالىيىدىكى مىلانو شەھىرى باشچىلىقىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، فرېدرىخ كۆپ قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى مىلانو قاتارلىق شەھەرلەر ئىتتىپاق تۈزۈۋالغاچقا، گېرمانىيە ئارمىيىسى4 - قېتىم (1166 - يىلى) تاجاۋۇز قىلغاندا قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، فرېدرىخ قاتمۇقات مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان ھەمدە دېھقان قىياپىتىدە ياسىنىۋېلىپ ناھايىتى تەستە قېچىپ كەتكەن. ئىتالىيىگە5 - قېتىم (1174 - يىلى) تاجاۋۇز قىلغاندا، گېرمانىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، فرېدرىخ ئېغىر يارىلانغان.
قىزىل ساقال فرېدرىخ خىزمەت كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئەھلىسەلىبنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغىمۇ قاتناشقان.1190 - يىلى ئەھلىسەلىب شەرققە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلىشقا ئاتلانغاندا،65 ياشقا كىرىپ قالغان فرېدرىخ كىچىك ئاسىيادا دەريادىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھاياتى ئاخىرلاشقان.