چېن جيەنگۇڭ
مەشھۇر شەخسلەر
جۇڭگولۇق مەشھۇر ماتېماتـىـك چېن جـيـەنگـۇڭ (1893 −1971 )1929 - يىلى ياپونىيىدە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىـنـى ئالغاندا، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور پۇچىخارا تـەبـرىـكـلـەش يىغىنىدا: «مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ئوقۇتقۇچىلىقـنـى كـەسـىـپ قىلدىم، ھېچقانچە نەتىجە ھاسىل قىلالمىدىم. بىراق، مېنىڭ جۇڭگولۇق بـىـر ئوقۇغۇچۇم بار، ئىسمى چېن جيەنگۇڭ، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىـكـى ئەڭ زور شەرەپ» دېگەن.
چېن جيەنگۇڭ جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىـنلا ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پـەنلەردە ئوخشـاشلا ئەلا، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىـجـىـسى كۆزگە ئالاھىـدە تاشلىناتتى. چېن جيەنگۇڭ1913 - يىلىدىن1929 - يىلىغىچە بىلىم ئېلـىـش ئۈچۈن ياپونىيىگە ئۈچ قېتىم بارغان،1929 - يىلى ياپونىيىدە تەبىئىـي پـەنـلـەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ،20 - ئەسىرنىڭ بـاشـلـىـرىـدا ياپونىيىدە ئوقۇغانلار ئىچىدىكى تـەبـىئىـي پـەنـلـەر بـويىـچـە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق، شۇنداقلا ياپونىيىـدە بـۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى چەت ئەللىك ئالىـم ئىدى. بـۇ ئىـش ياپونـىـيە ئاراللىرىنى زىلزىلىگە سالغان. ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقـۇچـىـسـى پروفېسسور پۇجىخارا ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىـدە يـاپـون يـېـزىـقـىـدىـكـى ئەسەرلەر ئاز بولغاچقا، ئىنگلىزچە ماتېـرىـيـاللاردىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ دەرس ئۆتەتتى، ئۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن چېن جيەنگۇڭ ياپونىيە يېزىقىدا «ترىگونومېتىرىك فۇنكسىيە نەزەرىيىسى» نى يېزىپ، خەلـقئارادىـكـى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەم ئۆزىنىڭ تەتقىقات تەسىراتلىرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرگەن. ئۇ مۇشۇ كىتابنى يازغان چـاغـدا ئىجاد قىلغان نۇرغۇن ياپونچە ئاتالغۇلار تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
چېن جيەنگۇڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىـڭ ماتېماتىكا پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئۇ مەشـھـۇر مـاتـېماتىـك سـۇ بۇچىڭ بىلەن بىللە،1931 - يىلىدىن ئېتىبارەن ماتېماتىكا مۇھاكىمە كۇرسـى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە يۇقىرى يىللىقتىـكـى سـتـۇدېـنـتلارنـى قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلاردا مۇستەقىل ئىشلەش ۋە ئىلمىي تەتقـىـقـات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا مەشھۇر چېن جيەنگـۇڭ − سۇ بۇچىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئېقـىـم جـۇڭـگونـىـڭ فۇنكسىيە نەزەرىيىسى ۋە دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيىسى تەتقىـقـاتـىـنـىـڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.