لۇئى
مەشھۇر شەخسلەر
«مەن دېمەك دۆلەت دېمەك» دېگەن سۆز فېئودال پادىشاھلارنىڭ مۇستەبىتلىكىنى سۈپەتلىگەندە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئادەت سۆزى بولۇپ، بۇ گەپ فرانسىيە پادىشاھى لۇئىنىڭ ئېغىزىدىن باشلانغان.
لۇئى (1638 −1715 - يىللار )بەش يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئەمما ئەمەلىي ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەن،22 ياشقا كىرگەندىلا، ئاندىن ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇپلا دۆلەتنىڭ بارلىق چوڭ ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، باشقا ئاپپاراتلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى نامدا بار، ئەمەلدە يوق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇ ئىشەنچلىك ۋەزىر - ۋۇزرالىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قورالى قىلىۋالغان، ئەينى چاغدا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە باش ۋەزىر پادىشاھقا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزەتتى، ئەمما لۇئى ھەممە ئىشقا قول تىقىپ، بارلىق مۇھىم ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، فرانسىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى مىسلىسىز كۈچەيگەن.
لۇئى نىڭ مۇستەبىتلىكى يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەشەمەتچىلىكى ۋە چىرىكلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. فرانسىيىدە ئەسلىدە ئىككى ھەشەمەتلىك پادىشاھ داچىسى بار تۇرۇقلۇق، ئۇ ھەشەمەتلىك خان ئوردىسىدىن يەنە بىرنى سالدۇرغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ داچىسىنىڭ بىر ۋەزىرىنىڭ داچىسىغا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرغەزەپكە كېلىپ ھېلىقى ۋەزىرىنى تۈرمىگە تاشلىغان، ئاندىن نۇرغۇن ھەشەم بىلەن پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىغا ئۆزى ئۈچۈن دۇنياغا مەشھۇر يېڭى خان ئوردىسى − ۋېرسال سارىيىنى سالدۇرغان. فرانسىيە خان ئوردىسىدا قائىدە - يوسۇنلار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بۇنىڭدا لۇئى نىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى كۆز - كۆز قىلىش نەزەردە تۇتۇلغان. ئالايلۇق، ئۇ ئۇسسىغاندا، بەش ئادەم ئۇنىڭغا تۆت قېتىم تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، ئاندىن بىر جام سۇ ياكى ئۈزۈم ھارىقى تۇتۇش بەلگىلەنگەن.
شۆھرىتىنى نامايان قىلىپ، ياۋروپانىڭ غوجائاكىسى بولۇش ئۈچۈن، لۇئى ناھايىتى زور بىر قوشۇن تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قوشۇندىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن تەڭلىشىپ قالاي دېگەن. ئۇ مۇشۇ قوشۇنىغا تايىنىپ بىر قاتار كەڭ كۆلەملىك ئىستېلا ئۇرۇشى قوزغاپ، ياۋروپادا بىر مەھەل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. لۇئى تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈم بارا - بارا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان.1715 - يىلى، ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىق سادالىرى ئىچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.