UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرۋۇ جيەنشۇڭ

ۋۇ جيەنشۇڭ

مەشھۇر شەخسلەر فىزىكا ئايال پادىشاھى دەپ ئاتالغان ۋۇ جيەنـشۇڭ (1912 − ) شاڭخەيدە تۇغۇلغان،1936 - يىلى ئامېرىكـا كالىفـورنىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقـا كىرگەن، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانـىغـا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىدا قېلىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى مـەشھـۇر جۇڭگولۇق فىزىكقا ئايلانغان.1956 - يىلى ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ تۇنجـى قېـتـىـم «تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق قانۇنى» نى ئوتتۇرىغـا قويۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر ئۆزگەرمەس قانۇن دەپ كەلگەن «تەڭ ۋالېنتلىق ساقلىنىش قانۇنى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ۋۇ جيەنشـۇڭ ياڭ جېننىڭ − لى جېڭداۋ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقـىـنـى ئىسپـاتلاش ئۈچۈن، كۈن بويى دېگۈدەك تەجرىبىخانىدىن چىقمىغان، قورسىقى ئاچسـا بولكا يەپ، ئۇسسىسا سۈت ئىچكەن، كۈنىـگـە تۆت سـائەتلا ئۇخلىغان. مېھنەتلىك ئەمگەك ئاخىرى مول مېۋە بېرىپ، يـاڭ جـېنـنـىـڭ − لـى جېڭداۋ قانۇنىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىپ، خەلقئارا فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. بەزىلـەر، ۋۇ جـيـەنـشـۇڭ ئاتـوم فـىـزىـكـىـسـى ۋە يـادرو فىزىكىسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق سىرىنى ئاچتى، دېيىشىدۇ. ۋۇ جيەنشۇڭ ئاتوم سپېكترى، كۋانت مېخانـىكىـسـى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئەھمىيىتى زور تەجرىبىلەرنى تاماملىغاچقا، بىر قاتار شەرەپلەرگە سازاۋەر بولغان.1974 - يىلى، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئىلىم - پەن ساھەسـى تـەرىـپـىـدىـن «بـۇ يىلقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىم» دېگەن نام بـېرىلگەن، ۋۇ جيەنـشـۇڭ مـۇشـۇ تۈردىكى شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجـى ئايـال. ۋۇ جـيـەنـشـۇڭ1975 - يـىـلـى، ئامېرىكا فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئىـسـتـېـدات ئىگىلىرى بىلەن تولغان ئامېرىكىنىڭ فىزىكا سـاھەسـىـدە فـىـزىـكـا ئىـلـمـىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىنى بىر ئايالـنـىـڭ ئۈسـتـىـگـە ئېـلـىـشـى مـىـسـلـى كۆرۈلمىگەن ئىش. شۇ يىلى ئامېرىكا زوڭتۇڭى فورتېر ئاقـسـارايـدا ئۇنـىـڭـغـا دۆلەت ئىلىم - پەن ئوردېنىنى بەرگەن.1978 - يىلى ئۇ يـەنـە ۋولﻒ ئىـلـمـىـي جەمئىيىتى تارقاتقان100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بـۇ مۇكاپات ئىلىم - پەن ۋە ئىنـسـانلار ئۈچۈن پـەۋقـۇلئاددە تـۆھپە قـوشـقـان كىشىلەرگىلا بېرىلىدۇ. ۋۇ جيەنشۇڭ − بـۇ تـۈردىـكـى مـۇكـاپاتـقـا ئېرىشكەن تۇنجى فىزىك. ۋۇ جيەنشۇڭ دۇنيادىـكـى15 مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرىـي دوكتـورلـۇق ئىـلمـىـي ئۇنـۋانـىـغـا ئېرىشكەن. غەرب ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر ئۇنى فىزىكـا ئايـال پـادىـشـاھى دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
ۋۇ جيەنشۇڭ | UyghurWiki | UyghurWiki