UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرلى شىجېن

لى شىجېن

مەشھۇر شەخسلەر جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى شىجېن (1518 −1593 ) يازغان «دورا ئۆسۈملۈكلەر دەستۇرى (بېنساۋ گاڭمۇ)» دۇنيا مېدىتسىنا سـاھەسـىدىكىلـەر تەرىپىدىن جۇڭيى تېبابىتىدىكى گۆھەر كىتاب دەپ قارىلـىـدۇ. بۇ كىتاب − لـى شىجېن30 يىل ئەجىر قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاغ - دەريالىرىنى كېزىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرىشىـغـا قارىـمـاي، ئۆسۈملۈكلەرنى تېتىپ كۆرۈپ،2000 دىـن ئارتـۇق دورا ئۆسـۈمـلـۈكـى،10 مىڭدىن ئارتۇق رېتسېپنى خاتـىـرىـلـىـگـەن كـاتـتـا ئەسـەر. بـۇ ئەسـەر كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك دورا بىلىملىرىنى قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئىلىـم - پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب روھنى قالدۇردى. لى شىجېن خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ، كىچىكىدىن باشلاپلا تېۋىپلىق قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، ئەجدادىنىـڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تىببىي دورا ئىلمى ئۈچۈن زور تۆھپـە قوشىدۇ. لى شىجېن تېۋىپلىق قىلىش جەريانىدا، بىرمۇنچە كونا دورىگـەرلىك كىتابلىرىدا دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ نامى، تۈرى قاتارلىقلارنـىـڭ قالايمىقانلىقىنى ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ خـۇسۇسىـيـىـتـى خاتا خاتىرىلەنگەنلىكىنى، ھەتتا زەھەرلـىـك دورىلار قـۇۋۋەت دورىـسـى ئورنـىـدا خاتىرىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تېۋىپنىڭ خاتا دورا بېرىشى بىـلـەن بـىمارنىـڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بۇ خىل ئەھۋالدا كـونـا دورىـگـەرلـىـك كىتابلىرىنى رەتلەپ، يېڭى دورىگەرلىك كىتابى يـېـزىـپ چـىـقىـشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ مۇشۇ خىزمەتنى يـاخشى ئىشلەش ئۈچـۈن، بـىـمـارلارنـىڭ كېسىلىنى داۋالىغاچ نۇرغۇن تېببىي كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، تەكـشـۈرۈش، زىيارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىـدۇ. بـىـر قـېتـىـم ئۇ ھارۋا ھەيـدەپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قـازانـدا قـىـزىـل يـۆگـىـمـەچ گۈل قـايـنـىـتـىـپ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەۋەبىنى سـورايـدۇ. ھارۋىكـەشلەر ئۇنىڭغا: «بۇ گۈلنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، پەي - سـۆڭەك ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، لى شىـجـېن نـاھايىـتـى خۇشال بولۇپ، بۇنى خاتىرىلىۋاتىدۇ، ئۇ تاغتېشەرنىڭ چۈمۈلە يېيـىـشـىـنـى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تاغتېشەرنى ئەتراپلىـق كـۆزىـتـىـپ، تـاغتـېـشـەر چۈمۈلە يېيىشتە يەردە يېتىپ تىلىنى ئۇزۇن چىقىرىپ، ئالاھىدە بىـر خـىـل پۇراق تارقىتىپ، چۈمۈلىلـەرنـى تـىـلـى ئۈسـتـىـگـە چىقـىـشـقا جـەلپ قىلىدىغانلىقىنى، تىلىغا چۈمۈلە توشقاندىن كېيىن تىلىنـى شـارتلا قـىـلـىـپ تارتىپ، ئۇلارنى قانغۇدەك يەۋالىدىغان ئەپچىل ئۇسۇلىنى بايقايدۇ. لى شىجېن يەنە دورا ئۆسۈملۈكلەر ئەۋرىشكىسىـنـى كـەڭ كـۆلـەمـدە توپلايدۇ. دورا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدىغـان تـاغ چـوقـقـىـلـىـرىـنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى قالىدۇ. ئۇ ھەربىر خىل دورا ئۆسۈملۈكنىڭ چىقىدىغـان جايى، شەكلى، ئۆسۈشىدىن تارتىپ يىلتىزى، غولـى، يـوپـۇرمـىـقـى، چـېـچىكى، مېۋىسىنىڭ تەمى ۋە رولى قاتارلىقلارغىچـە چـوڭقـۇر ھەم تـەپـسـىـلـىـي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، يەنە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشـىـغـا قارىمـاي، دورا ئۆسۈملۈكلەرنى تېتىپ، ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق دورىنىڭ خۇسۇسىيىتـىـنـى سىنايدۇ. دورىنىڭ بىھوشلاندۇرۇش رولىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ئىتياڭىقى (بەڭگىدىۋانە) نى يەپ زەھەرلىنىپ قالىدۇ؛ ئارقىدىن قەدىمىي كىتابلارغا ئېيتىلغىـنـى بويىچە سويا (دادۇر) ۋە چۈچۈكبۇيا يەپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ. لى شىجېن ئىجتىھات بىلەن30 يىل ئەمگەك قىلـىـپ، مـەشـھـۇر تـاغ - دەريالارنى كېزىدۇ،800 خىلدىن ئارتۇق كىتابنى ئوقۇپ، نەچچـە مـىـلـيـون خەتلىك خاتىرە قالدۇرىدۇ ۋە كۆپ يىل تەكرار - تـەكرار ئۆزگەرتـىپ، ئاخىرى، نەچچە مىليـون خەتلىـك كاتـتـا ئەسـەر «دورا ئۆسۈملۈكلەر دەستۇرى» نى قالدۇرىدۇ، بۇ كىـتـاب نەچچە100 يىلدىن بۇيان جۇڭيى تېبابىتى، جۇڭيى دورا ئۆسۈمـلـۈكـلىرىگە دائىر كلاسـسـىـك ئەسەر دەپ قارىلىپ، لى شىجېن «دورىگەرلىك پىرى» دەپ ھۆرمەتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر