UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرتوماس مور

توماس مور

مەشھۇر شەخسلەر 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ناتونۇش، سىرلىق، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر «يېڭى قۇرۇقلۇق» كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇشتۇمتۇت نامايان بولدى.30 نەچچە ياشلىق بىر ئەنگلىيىلىك ئىندىئانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇش، باراۋەر تەقسىم قىلىش، ئالتۇننى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ئىپتىدائىي كوممۇنا تۇرمۇشىدىن زور ئىلھام ئېلىپ، بىر پارچە كىتاب يېزىپ، يىراق ئوكيانلارغا سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلگەن پورتۇگالىيىلىك بىر ماتروس بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ ئارقىلىق، قەلبىدىكى غايىۋى جەمئىيەت تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىشى دەل توماس موردۇر. توماس مور (1478 −1535 - يىللار) ئەنگلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئالىي سوتىنىڭ سودىيىسى بولغان. مور كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيىلەنگەن.13 يېشىدا دادىسى ئۇنى كېنتېرنېرىنىڭ ئېپىسكوپى جون مورتونغا نۆكەرلىككە بەرگەن.1492 - يىلى، ئۇ داڭلىق ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ كلاسسىك ئەدەبىيات ئۆگەنگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن لوندونغا قايتىپ كېلىپ قانۇن ئۆگەنگەن ھەمدە ئۇزاققا قالماي ئادۋوكات بولۇپ، لوندوندا بارا - بارا داڭق چىقىرىشقا باشلىغان.1504 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅶ قىزىغا قىز مېلى ئېلىپ بېرىش نامى بىلەن پارلامېنتتىن نۇرغۇن ياردەم پۇل تەلەپ قىلغاندا، مور ئاشكارا قارشى چىققان، بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇپ، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشماسلىققا مەجبۇر بولغان.1509 - يىلى، ھېنرى Ⅶ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى ھېنرى Ⅷ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، مور باش سودىيە (باش ۋەزىرگە تەڭلىشىپ قالىدۇ)لىككە تەيىنلەنگەن.1534 - يىلى، ھېنرى Ⅷ پارلامېنتنى «ھۆرمەت بىلدۈرۈش قانۇنى لايىھىسى»نى ماقۇللاشقا مەجبۇرلاپ، ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رىم ۋاتىكانىدىن ئايرىلغانلىقىنى، پادىشاھنىڭ ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى جاكارلىغان. مور دىنىي جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان، پادىشاھنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىغىمۇ ئۆكتە قوپۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھىنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ باشلىقى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان، ئاقىۋەتتە قولغا ئېلىنىپ، لوندون مۇنارىغا قامالغان.1535 - يىلى7 - ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. مور1516 - يىلى «ئۇتوپىيە» ناملىق كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابتا ئاپتور تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغان بىر دېڭىزچىنىڭ ئۇتوپىيە دېگەن غەلىتە دۆلەتكە بېرىش - كېلىش جەريانىدىكى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى بايان قىلىنغان. «ئۇتوپىيە» يۇنانچە سۆز بولۇپ، ئەسلىي مەنىسى «ھېچ يەردىن تاپقىلى بولمايدىغان جاي» دېگەنلىكتۇر. مور مۇشۇ سۆز ئارقىلىق باياشات، غايىۋى بىر دۆلەتنى تەسۋىرلىگەن. بۇ دۆلەتتە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، پۇقرالار دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى سايلايدۇ، باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەممەيلەن ئەمگەك قىلىپ، قىلغان ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىماتقا ئېرىشىدۇ. مور سوتسىيالىزم تارىخىدا تۇنجى بولۇپ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پرولېتارىياتنىڭ كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلانما مەزگىلىدىكى ئېچىنىشلىق ئېكسپىلاتاتسىيىگە بولغان كۈچلۈك قارشىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
توماس مور | UyghurWiki | UyghurWiki