UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەردارىئۇسⅠ

دارىئۇسⅠ

مەشھۇر شەخسلەر مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پېرسىيە چېگرىسىدا ئىمپېرىيە ھاكىمىيىتىنى تەۋرىتىدىغان كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار كۆپلەپ يۈز بەرگەن. بۇ قوزغىلاڭلار پېرسىيىنىڭ مەركىزىدىن باشلىنىپ، تېزلا باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ، پۈتكۈل ئىمپېرىيە بوران - چاپقۇن ئىچىدە قالغان. دارىئۇس Ⅰ دەل مۇشۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن قەھرىماندۇر. دارىئۇسⅠ ( تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى558 −486 - يىللار) ئەسلىي پېرسىيە پادىشاھى كامبېشىسنىڭ شىرەم تۇغقىنى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا پادىشاھ بولۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تىكلىگەن. كامبېشىس مىسىرغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە، ئۇ «تۈمەن كىشىلىك يېڭىلمەس قوشۇن» نىڭ باش سەركەردىسى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىمپېرىيىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، دارىئۇس Ⅰنىڭ ئالىي ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈشىگە پۇرسەت تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدىلا28 ياشقا كىرگەن دارىئۇس Ⅰ قوشۇن تارتىپ جايلاردىكى توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ئاتلانغان، كۆپ قېتىم قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى522 - يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولىغا كىرگۈزگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تازا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان. دارىئۇس Ⅰ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق ھەربىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربتە سەھرايى كەبىر چۆللۈكىگىچە سوزۇلغان، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپانى قاپلىغان پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، دارىئۇس Ⅰ يەنە مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە ئايرىش، باش ۋالىي تەسىس قىلىش، مۇھىم ئورۇنلارغا دائىملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇش، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل قۇيۇش، خان يولى ياساش، جام - راباتلارنى تەسىس قىلىش، دېڭىز يولى ئېچىش، قانال قېزىش قاتارلىق قۇللۇق تۈزۈمنى قوغدايدىغان ۋە ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن تۈزۈمنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنىنى تىزگىنلەش ۋە سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ياراتقان. دارىئۇس Ⅰ زېمىنى بىپايان قۇدرەتلىك پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، قەدىمكى مىسىر ۋە ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتقاچقا، ئىمپېرىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا - سېتىق ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى5 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دارىئۇس Ⅰ شەخسەن ئۆزى يۇنانغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان، ئۇرۇش داۋامىدا يۇنان ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى486 - يىلى، دارىئۇس Ⅰ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى يۇنانغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر