UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرقەيسەر

قەيسەر

مەشھۇر شەخسلەر مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى44 - يىل3 - ئاينىڭ15 - كۈنى، رىم تۆھپىدارلار پالاتاسىنىڭ كېڭەش زالىدا مۇستەبىت قەيسەرنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغان، كىشىلەر ئاۋازنى ئاڭلاپ زالغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، قەيسەرنىڭ كونا دۈشمىنى پومپېينىڭ ھەيكىلى ئاستىدا ياتقانلىقىنى، ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر مەزھىپىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ شەمشىرىدە ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن. قەيسەر (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى100 −44 - يىللار) قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى مەشھۇر ھەربىي ئالىم، داڭلىق سىياسىئون بولۇپ، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كراسۇ، پومپېي بىلەن مەخپىي ئىتتىپاق تۈزۈپ، رىمنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلغان، تارىختا ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقى «ئالدىنقى ئۈچ كاتتىۋاش ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان. لېكىن، مال - دۇنيا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ شۇ دەۋردىكى كراسۇغا زادىلا يەتمەيتتى، ھوقۇق جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، پومپېيدىن كۆپ يىراقتا ئىدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئادەتتە پۇقرالارغا يېقىن تۇرغانلىقىدىن قولغا كەلگەنىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى62 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى48 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت قەيسەرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ پارلاق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باش سودىيە، گوبېرناتور، تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە (ھازىرقى ئىتالىيىنىڭ شىمالى رايونى)نىڭ باش ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، تاغنىڭ غەربىدىكى گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە ئەتراپى)نىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بويسۇندۇرغان ھەمدە رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ گېرمانىيە رايونىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككى قېتىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ برېتانىيە ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغان. ئەينى چاغدا، ئۇ ئون نەچچە قوشۇننى باشلاپ، نەچچە ئون قېتىم چوڭ جەڭ قىلىپ،800 دىن ئارتۇق شەھەرنى ئىشغال قىلىپ،300 دىن ئارتۇق قەبىلىنى بويسۇندۇرۇپ،1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسىرگە ئېلىپ ۋە يوقىتىپ، رىمنى ئىنتايىن كۆپ يەر ۋە بايلىققا ئېرىشتۈرگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى48 - يىلى، قەيسەر كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، يۇناندا سىياسىي دۈشمىنى پومپېينى مەغلۇپ قىلغان، ئۈچ يىلدىن كېيىن غەلىبە بىلەن ئىتالىيىدىن قايتىپ كەلگەن، رىمدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زەپەرنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، قەيسەر ئەبەدىي ئىستىبداتلىققا سايلانغان. ئۇ يەنە باشقا بىرمۇنچە ئەمەل تاجلىرىنىمۇ كىيىپ، ئارمىيە، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، دىن ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىگە شاھىنشاھقا ئايلانغان. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى رىم تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ رىم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. قەيسەر مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن؛ ئىلگىرىكى سىياسىي دۈشمەنلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان؛ پومپېينى قوللىغان بىرمۇنچە ئادەمنىڭ گۇناھىدىن كەچكەن ھەمدە بەزىلىرىگە يۇقىرى ئەمەل بەرگەن؛ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، ھاكىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلىغان. ئۇنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى رىم قۇلدارلىرىنىڭ قۇللارغا ۋە ئادەتتىكى خەلققە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن، لېكىن بۇ ئارقىلىق يەنە ئۆزىگە بالا - قازا تېرىۋالغان، كېيىن قەيسەرنى ئۆلتۈرگەن ئادەم دەل ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن سەركەردىدۇر. قەيسەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى ئوكتاۋىئۇس رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رىم ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر