UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرجاڭ ۋېنيۈ

جاڭ ۋېنيۈ

مەشھۇر شەخسلەر جاڭ ۋېنيۈ (1910 − ) − μ مـېـزون (ميۇمېزون) لارنىڭ كۈچسىز ئۆزئارا تەسىرلىشىدىغان زەرەتلەر ئىكەنلىكىنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىسپاتـلـىـغـان ئالـىـم؛ ئۇ يـەنـە مەنپىي زەرەتلىك ئاستا μ مېزون ئاتوم يادروسى بىلەن تەسىرلەشكەندە، ميۇئونىك ئاتوم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنـى ۋە ئېـلـېـكـتـر ماگنىت رادىئاتسىيىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايـقـىـغـان. شـۇڭـا، ميۇئونىك ئاتوم «جاڭ ئاتومى»، ئۇنىڭ رادىئاتسىيىسى «جاڭ رادىئاتسىـيىسى» دەپ ئاتالغان. جاڭ ۋېنيۈ فۇجيەننىڭ خۇيئەن ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىـسـىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سـەۋەبـىـدىـن ئەمـگـەك قـىلغاچ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاپاغا چىداش روھى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ياردىمـى بـىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى تەييارلاپ بـەرگـەن20 يۈەن يول خىراجىتىنى ئېلىپ يەنجىڭ ئۇنىۋېـرسـىـتـېـتـىـغـا ئوقـۇشـقـا كېلىدۇ. ئۇ قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۈندۈزى دەرسـتـىـن چۈشكەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزىدا ئىشلـەيـدۇ، كـېـچـىـدە دەرسىنى تەكرارلايدۇ. دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا مۈگدەپ قالسا بـارمـاقـلـىـرى قان يۇقى بولۇپ كەتكۈچە يىڭنە سانجىيدۇ. ئۇ مەكتەپ پـۈتـكـۈزگـەنـدىـن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن دۇنياغا مەشھۇر كامبرىج ئۇنىۋېـرسـىـتـېـتـىـغا ئاسپىرانتلىققا كىرىدۇ،1938 - يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغـا ئېرىشىدۇ.1954 - يىلى، جاڭ ۋېنيۈ نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىق ۋە مۇشەققەتلـەرنـى باشتىن كەچۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ،1956 - يىلى، جـۇڭـگـو پـەنلـەر ئاكادېمىيىسى ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىـقـىـغـا تەيىنلىنىپ، چيەن سەنچياڭنىڭ ئاساسىي زەررىچە تەتقىقاتى خـىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا ھەمكارلىشىـدۇ. ئۇ يـەنە سـوۋېـت ئىـتـتـىـپـاقـى دۇنيا بىرلەشمە يادرو تەتقىقات ئورنى جۇڭگو گۇرۇپپىسىنىڭ بـاشـلـىـقـلـىـقىنـى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ نەچچە10 يىلدىن بۇيان ۋەتەننىڭ ئاتوم فىـزىكىسـى، ئالەم نۇرى نەزەرىيىسى، زەررىچە فىزىكىسى تەتقىقاتىغا نۇرغۇن تۆھپىلـەرنـى قوشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر