ماچىياۋېللى
مەشھۇر شەخسلەر
ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سىياسىي مۇتەپەككۇر، تارىخشۇناس ماچىياۋېللىنىڭ ئۆچمەس نام قالدۇرغان ۋە باشقا مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشىمايدىغان مۇنداق بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇ ھەم ئېنگېلس تەرىپىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى »گىگانت ئادەم« دەپ تەرىپلەنگەن، ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇزاق مۇددەت خاتا چۈشىنىلىپ، يامان ئاتاققا قالغان، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «رەزىللىكنىڭ ئۇستازى» دەپ ئاتىغان.
ماچىياۋېللى (1469 −1527 - يىللار) ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى فلورېنسيىدە تۇغۇلغان، ئاتا - بوۋىلىرى ئاقسۆڭەك بولۇپ، جەمەتىدىكى خېلى كۆپ ئادەم ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئەمما ئۇنىڭ جەمەتى كېيىنچە خارابلىشىپ كەتكەن. نامراتلىق تۈپەيلى كىچىكىدە ئانچە كۆپ مۇنتىزىم تەربىيە ئالالمىغان، ئەمما ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، لاتىن تىلىنى ئۆگەنگەن، ئىتالىيىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە تارىخ ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇپ، مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان يۇقىرى ئىقتىدار ھازىرلىغان.
ماچىياۋېللى فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش مەزگىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى سىياسىي ئىشلارغا ئاتىۋەتكەن.1494 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەندە، فلورېنسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مېدىچ جەمەتى تەسلىم بولغان، بۇنىڭ بىلەن، فلورېنسىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن،13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.1498 - يىلىدىن1512 - يىلىغىچە، ئۇ فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتى ئون كىشىلىك كومىتېتنىڭ كاتىپى بولغان، ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىغا ۋە فرانسىيىگە كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بارغان.1512 - يىلى مېدىچ جەمەتى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى بارلىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغان.1513 - يىلى تۈرمىگە قامالغان، شۇ يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن.
ماچىياۋېللى ئۆمرىدە نۇرغۇن كىتاب يازغان بولۇپ، ئەڭ مەشھۇرى «پادىشاھلىق توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدۇر. ئۇ بۇ ئەسىرىدە، ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پادىشاھ سىياسىنى تاكتىكا قاتارىدا كۆرۈشى، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك؛ پادىشاھ بولغان ئادەم شىردەك ۋەھشىي، تۈلكىدەك قۇۋ بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. كېيىنكىلەر بۇ خىل سىياسىي نەزەرىيىنى «ماچىياۋېللىزم» دەپ ئاتىغان. بۇ خىل تەشەببۇس ئەينى چاغدا ئىتالىيىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ماچياۋېللى ئاخىرقى ئۆمرىنى غەم - قايغۇ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ،1527 - يىلى6 - ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن فلورېنسىيىدە ۋاپات بولغان.