UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەربرونو

برونو

مەشھۇر شەخسلەر ئىلىم - پەن تەرەققىياتى تارىخىدا قوللىرىغا تىغ - ياراغلارنى ئېلىشقان ئىكـكـى قوشۇننىڭ روبىرولىشىشى بولمىسىمۇ، بـىراق بـەزىلـەر ھەقـىـقـەت ئۈچـۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان. جوردانو برونو (1548 −1600 ) − ئىلىم - پەن ئۈچۈن ھاياتـىـنـى تـەقـدىـم قـىـلـغـان ئاسترونوم. برونو ئىتالىيىدىكى بىر نامرات ئائىلىـدە تۇغۇلغان،15 يـېـشـىـدا موناستىرغا كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان.24 يېشـىـدا پـوپ بولغان ھەمدە پەلسەپە دوختۇرلۇقى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىـڭـدىـن ئېتىبارەن، ئۇ دىندىن گۇمانلىشىشقا باشلىغان. ئۇ «ئىنجىل» نـى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلىپ، رىم ۋاتىكانىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، ئىتالـىـيـىـدىـن قېچىپ چىقىپ، فرانسىيە، ئەنگلىيـە قاتارلىق جايلاردا كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشـۋىـق قىـلـىـپ، پتولېمېينىڭ يەر مەركەز تەلىماتىنى تەنقـىـد قـىـلـغان ۋە قۇياش مەركەز تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ، ئالەم چەكسىز، قۇياشنـىـڭ سـىرتـىدىـمـۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سانسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسـى بـار، قۇياش بىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىن ئىبارەت، ھەرگىز پۈتكۈل ئالەمنىڭ مەركىـزى ئەمەس، قۇياشمۇ ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ باشقا يـۇلتۇزلار بـىـلـەن بولغان نىسپىي ئورنىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قۇياش سىستېمىسىدا تېخى بايقـالـمـىـغـان سەييارىلەر بار، قۇياش ۋە سەييارىلەر ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، دەپ قـارايـدۇ. ئۇ باشقا پلانېتىلاردىمۇ ئادەم بار دەيدىغان ئىدىيە، تەبىئەت قانۇنـلـىـرىـنـىـڭ بىردەكلىكى ئىدىيىسى قاتارلىقلارنى ئوتـتـۇرىـغـا قـويىدۇ. بـۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى كېيىنكى ئاسترونومىيىلىك بايقاشلاردا ئىسپاتلىنىـپ، ئىلىم - پەن ۋە ئالەم قارىشىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. برونو ئۆزىنىڭ ئىلغار پەلسەپە ئىدىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغاچـقـا، رىم ۋاتىكانىنىڭ ۋەھىمىسى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان.1592 - يـىـلـى رىـم ۋاتىكانى ئۇنـى ئىـتـالىـيـىـگـە ئالداپ ئەكىلىپ دەرھال قولغا ئالىدۇ. جاللاتلار تەھدىت سېلىپ، ئالداپ، برونونى تىز پۈكتۈرمـەكـچـى بـولىدۇ، بـىراق ئۇ قەيسەرلىك بىلەن: «مەن دېگىنىمدىن قىلچە يانمايمەن» دەيدۇ. سەككىز يىللىق قىيىن - قىستاقتىن كېيىن، ئۇ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جـازاسـىـغـا ھۆكـۈم قىلىنىدۇ.1600 - يىل2 - ئاينىڭ17 - كۈنى برونو رىمدىكى گۈل مەيدانـىـدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. برونو ھەقىقەتنى بـاتۇرلـۇق بـىـلـەن قـوغـدايـدۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدىمۇ جازا ئىـجـرا قـىـلـىـۋاتـقـان جـاللاتـقـا قـاراپ مەردانىلىك بىلەن: «سىلەر مېنىڭ جازا ھۆكۈمىمنى ئوقۇۋاتقىنىڭلاردا، مـەن بـۇ ھۆكۈمنى ئاڭلىغاندىكىدىنمۇ بەكرەك ۋەھىمىگە چۈشۈۋاتىسىلەر!» دەيدۇ. برونو كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقماي، دىنىي جەمئىـيـەت، ئىلاھىـيـەت بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىلىم - پەن تـەرەقـقـىـيـاتـى ئۈچـۈن تـۆھپـە قوشىدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي روھى مەڭگۈ ياشايدۇ!1889 - يىلى كىشـىـلـەر برونو ئۆلتۈرۈلگەن گۈل مەيدانىغا ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلىـم - پەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان بۇ باتۇرنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
برونو | UyghurWiki | UyghurWiki