UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرچېرچىل

چېرچىل

مەشھۇر شەخسلەر 1940 - يىلى5 - ئايدا، گېرمانىيە فاشىستلىرى غەربىي ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن قولدىن كەتتى، بۈيۈك برېتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان ئەنگلىيە ھالاكەت گىردابىدا يالغۇز قالغانىدى. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋىنستون چېرچىل (1874 −1965 - يىللار) جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيىنىڭ غالجىرانە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى. چېرچىل خېلى بۇرۇنلا «گېرمانىيە فاشىستلىرى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىمىز» دەپ قارىغاچقا، ئۇلارغا قارشى قەتئىي تەدبىر قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. ئەمما، ئەنگلىيىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمىتى ۋە جامائەت پىكرى ساھەسىدىكىلەر بولۇشىغا كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي، فاشىستلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويماقچى بولدى. چېرچىل پارلامېنتنىڭ ئىچى - سىرتىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئاپەت خاراكتېرلىك سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.1940 - يىلى5 - ئايدا،65 ياشقا كىرىپ قالغان چېرچىل ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ناتسسىت گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلدى. ناتىق چېرچىل پارلامېنتتا سۆزلىگەن تۇنجى قېتىملىق نۇتقىدا: «مەن قان - تەر ۋە ئازاب، كۆز يېشىدىن باشقا نەرسە تۆھپە قىلالمايمەن ... سىلەر بىزنىڭ نىشانىمىز نېمە، دەپ سورايسىلەر. مەن سىلەرگە: غەلىبە قىلىش، دېگەن بىرلا سۆز بىلەن جاۋاب بېرىمەن»، «بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ئارىلىمىزنى قوغدايمىز. دېڭىز ساھىللىرىدا، دۈشمەنلەر قۇرۇقلۇققا چىققان يەردە، كەڭ دالا ۋە كوچا - كويلاردا، تاغلىق رايونلاردا جەڭ قىلىمىز، ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز» دېگەن ھەمدە: «ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي غەلىبە قىلىمىز» دەپ قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى1940 - يىلى8 - ئايدا »بۈيۈك برېتانىيە ئۇرۇشى«نى قوزغاپ، ھەر كۈنى مىڭلاپ ئايروپىلان چىقىرىپ، ئەنگلىيىنى دەھشەتلىك بومباردىمان قىلغان، بومباردىماندا بەزى شەھەرلەر تۈزلىنىپ كەتكەن. چېرچىل قىلچە تەۋرەنمەي، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۈچ ئايدىلا دۈشمەننىڭ2000 دىن كۆپرەك ئايروپىلانىنى پاچاقلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، گىتلېر ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. چىرچېل ئەنگلىيىنىڭ گېرمان فاشىستلىرىغا قارشى تەنھا ئۇرۇش قىلىشىدەك مۈشكۈل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، فاشىستلارغا قارشى بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلەشكەن. ئۇ گەرچە كوممۇنىزمغا ئىزچىل قارشى بولسىمۇ، تىرىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە فاشىستلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان.1941 - يىلى6 - ئايدا، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ئاخشىمى، چېرچىل نۇتۇق سۆزلەپ، ئەنگلىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. چېرچىل مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ماسلىشىپ، فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە فاشىستلارنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جاپالىق جەڭ قىلغان. چېرچىل1965 - يىل1 - ئاينىڭ24 - كۈنى لوندوندا90 يېشىدا ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر