UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەركېلۋىن

كېلۋىن

مەشھۇر شەخسلەر جىسىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشتـە تـېـرمـومـېـتـىـر دىن ئايرىلالمايمىز. تۈرلۈك تېرمومېتىرلاردىكى شكالىلار ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىـدىـغـان ماددىلارنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىـۋەتـلـىـك بـولـغـاچـقـا، تەجرىبە تېمپېراتۇرا شكالـىـسـى دەپ ئاتـالغان. ئوخشاش بىر جىسىمىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ھەر خىل تېرمومېتىر (ياكى ھەر خىل تەجرىبە تېمپېراتۇرا شـكـالـىـسـى) ئارقىلىق ئۆلچىـگـەنـدە، پەرقلەر كۆرۈلۈپ، جىسىمنىڭ ئەينى تـېـمـپـېراتۇرىـسـىنـى تـوغـرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەن. بـۇ تـېمـپـېراتۇرا ئۆلچەشـكـە يـۇقـىـرى تـەلـەپ قويۇلىدىغان پەن تەتقىقات قاتـارلـىـق سـاھەلـەر ئۈچـۈن، روشـەنـكـى، چـوڭ مەسىلە ئىدى. تېمپىراتۇرىسى ئۆلچىنىدىغان ماددىغا تايانمايـدىـغـان تـېـرمـو شكالا تاپقىلى بولامدۇ - يوق؟ بۇ قىيىن مەسىلىنى ئەنگلىيىلىك فىزىك W.تومسون، يەنى كېلۋىن (1824 −1907 ) ھەل قىلغان. تومسون كىچىكىدىنلا ئەقىللىق بولۇپ، ئون يېشىدىلا ئۇنىۋېرسىتېتنىـڭ تەييارلىق كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇغان.15 يېـشـىـدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فـىـزىكا مۇكاپاتـىغـا،16 يېشىدا ئاسترونومىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشـكەن، ئۇزاق ئۆتـمـەيلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن،22 يـېـشـىـدا مـەشـھـۇر گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بـولـغان. ئۇنـىـڭ تـۆھپـىـسـى كـۆپ بولغاچقا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئۇنىڭغا لورد ئۇنۋانىـنـى بـەرگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گلازگو ئۇنىۋېرسىتېـتـى كـېـلـۋىـن دەريـاسـى بـويـىـدا بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «لورد كېلۋىن » دەپ ئاتىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇمـۇ ئىسمىنى كېلۋىنغا ئۆزگەرتكەن. كېلۋىن19 - ئەسىردىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ كۆپ ئالىملارنىـڭ بـىـرى. ئۇ فىزىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، بولۇپمۇ ئىسسىقلىق ئىلمى، ئېـلـېـكـتـر ماگنىت ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىي تېخنىكىسى جەھەتلـەردە غـايـەت زور تۆھپە قوشقان، ئۇ ھاياتىدا600 دىـن ئارتـۇق ئىـلـمـىـي ماقالە ئېلان قىلغان،70 خىل كەشپىيات پاتېنتىـغـا ئېرىشكەن، ئەينەكلىك گالۋانومېتىر، قوش يەلكىلىك ئېلـېـكـتـر كـۆۋرۈكـى، سـىـفـون ئاپتوماتىك تېلېگرامما سىگنالىنى خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى قاتـارلـىـق كـۆپ خىل نازۇك ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى كەشىپ قىلغان. ئەينى چاغدا، ئۇ ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئىنتايىن يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بـولـۇپ، ھەمـمـە ئېـتىراپ قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىدى. كېلۋىن تېرمودېنامىكىغا ئۇل سالغۇچى ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ بـىـرى، ئۇ1848 - يىلى تېرمودېنامىكا تېمپېراتۇرا شــكـالـىـسـىـنـى كـەشىپ قـىـلـغـان. ئۇ كلائۇزىئۇس بىلەن ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا تېرمودېنامىكىنىڭ ئىككىنـچـى قـانـۇنـىـنـى بايقىغان.1852 - يىلى ئۇ جوئۇل بىلەن بىللە جوئۇل ‐ تومسون ئېففېكتىنـى بايقىغان، بۇ بايقاش تۆۋەن تېمپېراتـۇرىـغـا ئېـرىـشـىـشـنـىـڭ ئاسـاسـلـىق ئۇسۇللىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ، تۆۋەن تـېمپېراتۇرا تـېـخـنـىـكـىـسـىـدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئۇ نەزەرىيىنى ئەمەلىيـەتـكـە بـىـرلـەشـتـۈرۈشـكـە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، سانـائەتـكـە ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېـگىـدىـن ئۆتىدىغان كابېلنى قۇراشتۇرۇشنى لايىھىلىگەنلىكى − ئۇنىڭ داڭق چىقارغان خـىـزمـىتى. ئۇ1856 - يىلىدىن ئېتىبارەن دېڭىز ئاستى كابېلىنى تەتقىق قىلـىـپ ئىشلەش خىزمىتىگە كىرىشىپ، بىر قاتار نەزەرىـيـە ۋە تېخنىكـا جەھەتتىكى قـىيـىـن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەنگلىيە ئاتلانتىك ئوكيـان دېڭىز ئاستى كابېلى شىركىتى ئون يىل جاپالىق ئىشلەپ،1866 - يىلى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەن دۇنيـا بـويـىـچـە تۇنجى مەڭگۈلۈك دېڭىز ئاستى كابېلىنى قۇراشتۇرۇپ بولغان كىشىلەر كېلۋىننىڭ ئۆمۈر بويى ئىلىم - پەن ئىشلىرى ئۈچۈن ھارمـاي - تـالـمـاي كۈرەش قىلىش روھىغا مەڭگۈ ھۆرمەت قىلىدۇ. كىـشـىـلـەر ئۇنـى خاتىرىلەش ئۈچۈن، خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى تـېـرمـودېـنـامـىـكـا تېمپېراتۇرىسىنىڭ بىرلىكىنى كېلۋىن دەپ ئاتىدى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر