بېرد
مەشھۇر شەخسلەر
1929 - يىل1 - ئاينىڭ26 - كۈنى، ئەنگلىيىلىكلەر تېلېۋىزوردىن ئويۇن كۆرسىتىلىۋاتقان سۈرەتنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىدە چـەكـسـىـز ھاياجانغا چۆكۈپ، خەۋەرنى قۇلاقتىن قۇلاققا يەتكۈزۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېلېۋىزورنى كەشىپ قىلغۇچى بېرد (1888 −1964 ) نـىـڭ ھايـاجاندىن ئىسسىق كۆز ياشلىرى ئاقتى.
بېرد ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز، كـېـسـەلچان بولغاچقا، نەچچە قېتىم ئەزرائىلنىڭ قولىدىن قايتىـپ كەلگـەنىدى. ۋەھالەنكى، تېنىنىڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى يېتىلدۈرگەنىدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئېلېكتر شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىـل بولۇپ، شاللىۋېتىلگەن بىرنەچچە ماشىنىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىـچـىـدىلا ئوڭشاپ، شىركەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىدۇ.
ئۇ، رەھىمسىز كېسەل چىرمىۋالغاچقا، خىزمىتىدىن ئىستېـپـا بـېـرىـپ، كېسىلىنى داۋالىتىدۇ.1923 - يىلىنىڭ بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭغا: «مـاركـونـى يـىراق ئارىلىقتىن رادىئو دولقۇنى ئۇزاتقان ۋە قوبۇل قىـلـغـانىكەن، سۈرەتنىمۇ تارقىتىشقا بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ، بېرد بۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىلھام ئالىدۇ. بېرد «ئېلېكتر ئارقىلىق سۈرەت يـوللاش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بار - يوق ئازغىنـە مـال - مۈلكىنى سېتىپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلايدۇ ۋە بارلىق ۋاقتىنى تېلـېـۋىزور تەتقىق قىلىپ ئىشلەشكە سەرپ قىلىدۇ. ئاخىرى، تېـلـېـۋىـزورنـى لايىھىلەش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.
لايىھە چېرتيوژىنى ئەمەلىي نەرسىـگـە ئايلانـدۇرۇش ئاسـان ئىـش ئەمەس، كىچىككىنە ئۆي ئۇنىڭ ھەم ياتىقى، ھەم ئىشخانىسى ئىـدى. بېردنـى كېسەل چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن خىزمەت قىلـىـدۇ، ھەمىشە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇدا جەڭ قىلىدۇ. قورسىقى ئاچسا بولكـا يەپ، ئۇيقۇسى كەلسە كىچىككىنە مۈگدىۋالىدۇ. تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنـى سېتىۋالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، كونا شامالدۇرغۇچنىڭ ماتورى، كونـا چـاي ساندۇقى، كونا شىلەپە كۇرۇپكىسىنىڭ ئاغزى، پوپايكا زىخى قاتـارلـىـقلارنـى ئىشلىتىدۇ.
بېرد ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق كۈرەش قىلىش ۋە سانسىز قېتىملـىـق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئاخىرى ئېلېكتر سىگنالىدىن پايدىلىنىپ ئادەمنىڭ ئوبرازىـنـى ئېكرانغا چىقىرىدۇ.1928 - يىلى، ئۇ قىسقا دولقۇن ئارقىلىق لـونـدونـدىـن نيۇيوركقا سۈرەت ئەۋەتىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى سۈرەتنى تۇنجـى قـېـتـىـم ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.1929 - يىـلى، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى بېرد شىركىتىنىڭ ئاممىۋى رادىئو - تېلېـۋىـزىـيـە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.30 - يىللاردىن كېـيـىـن، بېرد رەڭلىك تېلېۋىزور تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ ھەم مەلۇم مۇۋەپپەقىيـەتـكـە ئېرىشىدۇ.