ئارخىمېد
مەشھۇر شەخسلەر
پىشاڭ پرىنسىپىنى ئەڭ دەسلەپتە قـەدىـمـىـي يـۇنـانـىستانلـىـق ئارخـىـمـېـد (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى287 −212 ) بايقىغـان. بـۇ پـرىـنـسـىـپ بـارلـىـق مېخانىكىلىق لايىھىلەش − ياسـاشـنـىـڭ ئاسـاسـى بـولـۇپ، ئىـنـسـانلارنـىـڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىدا سانسىزلىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى، ئارخىـمـېد پادىشاھقا پىشاڭنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىـشـەنـچ بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ماڭا بىر تايىنىش نۇقتـىـسـى بـېـرىـلـسـە، يـەر شارىنى ئورنىدىن قوزغىتىۋېتەلەيمەن!». ئەلۋەتتە، بۇنداق تايىنىش نۇقتىسـى ۋە پىشاڭنى تاپقىلى بولمايدۇ، بىراق، ئارخىمېد پىشـاڭ پـرىنـسـىپىدىـن پايدىلىنىپ، پادىشاھقا زور قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
پادىشاھ ئىنتايىن يوغان بىر كېمە ياسىتىدۇ، لېـكـىـن، ئۇنى سۇغا چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى تاپالمايدۇ. ئارخىمېد ناھايىتـى ئاز كۈچ بىلەنلا ئىنتايىن ئېغىر نەرسىلەرنى سۆرىگىلى بولىدىغـان بـىـر يۈرۈش پىشاڭ − غالتەك سىستېمىسىنى لايىھىلەپ يـاسـاپ چـىـقـىـدۇ. ھەمـمـە تـەل بولغاندىن كېيىن، ئارخىمىد ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى پادىشاھقـا تۇتقـۇزۇپ، ئۇنىڭغا تارتىشنى ئېيتىدۇ. پادىشاھ ئارغامچىنـى قـولـىغـا ئېـلىـپ شـۇنـداق تارتىشىغىلا، كېمە مۆجىزە كەبى ئاستا - ئاستا تەۋرىنىپ، ئاخىرى سـۇغـا چۈشىدۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن ھەيران قالىدۇ، ئارخىمېدنىڭ نامى نـاھايـىـتـى تېزلا جايلارغا تارىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەشۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھېكمەتلىـك سـۆزى تا ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن.
ئارخىمېد − قەدىمكى يۇنانىستانلىق ئۇلۇغ ماتېماتىـك، فـىـزىـك، تـالانـتـلـىـق كەشپىياتچى. ئۇ فىزىكىدا پىشاڭ قائىدىسىدىن باشقا، لەيلىتىش كۈچى قانۇنىنىمۇ بايقىغان، ئۇ − ستاتىكىنىـڭ ئاساسـچـىـسـى، ئاقـار جىسىملار ستاتىكىسىنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى. ئۇ بۇرمىسىمـان سـۇ تـارتىش ئەسۋابى، تاش ئېتىش ئەسۋابى قاتارلـىـق كـۆپ خـىـل مـېـخـانـىـكـىـلـىـق قۇرۇلمىلارنى كەشىپ قىلغان.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمكى يۇنانىستان پـادىـشـاھى ئىـنـتـايـىـن نـەپـىـس ئىشلەنگەن ئالتۇن تاجغا ئېرىشىدۇ، پادىشاھ زەرگەردىن بۇنىڭغا ساختىلىـق ئىشلەتتىمىكىن دەپ گۇمانلىنىدۇ، بىراق جەزم قىلالمىـغـاچـقـا، بـۇ قـىـيـىـن مەسىلىسىنى ياش ئالىم ئارخىمېدقا تاپشۇرىدۇ. ئارخىمېـد كـېـچـە - كـۈنـدۈز مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. بىر كۈنى ئۇ يۇيۇنۇشقا بارغـانـدا، داسـقـا لىق قۇيۇلغان سۇ ئۇنىڭ چۈشۈشى بىلەنلا تېشىپ چىقىدۇ، ئۇ خۇشاللىقـىـدا يالىڭاچ پېتى كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ: «تاپتىـم! تـاپـتـىـم!» دەپ تـوۋلاپ كېتىدۇ، ئەسلىدە ئۇ داسقا پۇتىنى سالغان ئاشۇ دەقىقىدە ئۆزىنىـڭ قـىـيـىـن مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتنى تەيـيـارلاپ قويغانلىقىنى توساتتىن ھېس قىلىدۇ. ئۇ كۆزىتىشكە، مۇلاھىـزە قـىـلـىـشـقـا ماھىر ھەمدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتـنـى بـىـرلـەشـتـۈرۈشـكـە ئەھمـىـيـەت بېرىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ مۇشۇ ھادىسىنى تۇتۇپ، جىسىمـنـىـڭ قۇرۇلمىسى مەيلى قانچە مۇرەككەپ بولسۇن، ئۇ سۇغـا تـولـۇق چـۆكـكـەنـدە تېشىپ چىققان سۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەجمىگە تەڭ بولـىـدۇ، دېـگـەنـنـى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ئۇ مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن تەجرىبە ئىشلەپ، تاجغا ساختىلىـق ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئارخىمېد مېخانىكىدىكى مۇھىم بولغان «لەيلىتىش كۈچى پرىنسىپى» نى مانا مۇشۇنداق بـايـقـايـدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلىم - پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن، بـۇ قانۇننى «ئارخىمېد قانۇنى» دەپ ئاتايدۇ.
ئارخىمېد پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم - پەنگە بېغىـشلايـدۇ. مـىلادىـيـىـدىـن ئىلگىرىكى212 - يىلى، رىم قوشۇنى سىراكۇرانى ئىشغال قىلىـدۇ. بـىـر تـوپ ئەسكەر ئارخىمېدنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ، ئارخىمېد ئارقا ھويلىسـىـدا گېئومېتىرىك شەكىللەرنى سـىزىـش بـىلەن ئالـدىراش بولغاچقـا، دۈشمەننى ئەيىبلەپ: «توختاپ تۇرۇڭلار، سخېمىلىرىمنى دەسسىۋەتمەڭلار» دەيدۇ. نادان ئەسكەرلەر ئۇزۇن نەيزىسىـنـى60 يـاشـتـىـن ئاشـقـان مـۇشۇ ئالىمنىڭ كۆكرىكىگە ۋەھشىيلەرچە سانجىيدۇ.
پاراسەتلىك ئارخىمېد پىشاڭ ئارقىلىق يەر شارىنى قـوزغـىـتـالـمـىـغـان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بايقاشلىـرى ۋە ئۇنـىـڭ روھى دەرۋەقـە پـۈتـۈن يـەر شارى ئىلىم - پېنى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.