كىرخوف
مەشھۇر شەخسلەر
ناۋادا شەھەرلەردىكى توك ئىـدارىـسـىـنـىڭ كونترول ئۆيىگە ئېكسكۇرسىيىگە بارسىڭىز،1000 دىن1 ھەسسـە،10000 دىـن1 ھەسسىگىچە كىچىكلىتىلگەن، لايىھىلىنىشى نەپىس، قـۇرۇلمىسـى پۇختا بولغان، شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەش تورىنى كۆرەلەيسىز. كاشىلا كۆرۈلگەن ھامان كاشىلىنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى ئۇنىڭدىن بىلگىلى بولىدۇ. دۇنيانـى مـۇشـۇ بىلىم بىلەن تەمىنلىگۈچى گېرمانىـيىلىك ئالىم كىرخوف (1824 −1887 ) تۇر.19
- ئەسىرنىڭ40 - يىللىرى، ئامپـېر، ئوم، ئېـرسـتـېد، جـوئۇل ۋە لېنتس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىجادىي خىزمىتى ئارقىلىق، ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى نەزەرىيىسى ئاساسەن مۇكەممەللەشتى، ئارقىدىنلا ئېلـېـكـتـرلىشـىـش تېخنىكىسى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكتر يولى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى. ئېلېكتر يولىنى قانداق قىلىپ توغـرا ھەم تـېـز يېشىش ئېلېكتر تېخنىكىسىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشـىدىـكـى ئاچقـۇچـقـا ئايلاندى.1845
- يىلى،21 ياشلىق كىرخوف بۇ مەسىلىنى مۇۋەپپەقىـيـەتـلـىـك ھەل قىلدى. ئۇ ئەينى چاغدا ئەمدىلا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكـۈزگـەن بـولۇپ، بىرىنچى پارچە ئىلمىي ماقالىسىدىلا كېيىن كىرخوف1 - قانۇنى، كىرخوف2 - قانۇنى دەپ ئاتالغان ئىككى قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان، بـۇ ئىـكـكى قـانۇندىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق مۇرەككەپ توك يولىنـى تـوغرا ھەم تېز يـەشكىلـى بولاتتى، شۇڭا ئۇنى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى قوبۇل قىلغان ۋە قـوللانغان، تا ھازىرغىچە ئۇ مۇرەككەپ توك يولى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىـم قورال بولۇپ كەلمەكتە.
كىرخوف ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى مەسىلىسىنىمۇ تـەتـقـىـق قـىـلـغـان. ئۇ، ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلۇقى نەزەرىيىسىگە ئاساسـەن، جـىـسـىـمـنـىـڭ ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىـيـىـسـى چـىـقـىـرىـش دەرىـجـىـسـى سۈمۈرۈش كوئېففىتسېنتىغا ئوڭ تاناسىپ بـولـىـدۇ، دەپ كـۆرسـەتـكەن. بـۇ كـىـرخـوف رادىئاتسىيە قانۇنى دەپ ئاتالدى. بۇ قانۇن ھەرقانداق تېمپېراتۇرا شارائىتىـغـا ھەم ھەرقانداق ئۇزۇنلۇقتىكى دولقۇن دائىرىسىگىمۇ باب كېلىۋېرىدۇ. كىرخوف خىمىيىدە خىمىك بۇنزېن بىلەن بىرلىكتە سپېكترو خـىـمـىـيـىۋى ئانـالىز ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان ھەمدە بۇ ئۇسۇلدىن پايـدىـلىنـىـپ سـېـزىـي، رۇبىدىيدىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنتنى تاپقان. ئالىملار سپېكترو خىمىيىۋى ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، يەنە تاللىي ۋە يـود قـاتـارلـىـق نـۇرغـۇن ئېلېمېنتلارنى تاپقان. كىرخوف ئاسترونومىيىدە، ئاساسەن، سپېكـتـرلـىـق ئانالىز ئۇسۇلىنى ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى كۈچلـۈك ۋاسىتە قىلىپ، قۇياش ئاتموسفـېـراسـىـدا مـەۋجـۇت خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنى بايقىغان.