ھېرشېل
مەشھۇر شەخسلەر
1758 - يىلى20 ياشلىق ھېرشېل (1738 −1822 ) يـېـڭـىلا ئاتىـسـى بىلەن گېرمانىيىدىن ئەنگلىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ھاللىي بېـشـارەت بـەرگـەن قۇيرۇقلۇق يۇلـتـۇزنـىـڭ پـەيـدا بـولـغـانـلـىـقـىـنـى كـۆرگەن، بـۇ ئۇنـىـڭ ئاسترونومىيىگە بولغان قىزىـقىـشىـنـى قـوزغـىغان، شـۇنـىـڭ بـىـلـەن ئۇ ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىش يولىغا ماڭغان.1781 - يىـلى، ئۇ ئۆزى ياسىۋالغان تېلېسكوپ بىلەن ئۇراننى، كېيىن يەنە ئۇران بـىلەن ساتۇرننىڭ ئىككىدىن ھەمراھى بارلىقىنى بايقىغان. ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا كېپلېر ئوردېنى بەرگەن ۋە ئۇنى ئەزالىققا سايلىغان. ياش ھېرشېل بىراقلا نام قازانغان. ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگې ئۇنىڭغا1 يىللىق مائاش مـۇكاپـات بېرىپ، ئۇنـىـڭ يۇلتۇزلۇق كۆكنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىـشى ئۈچـۈن شارائىـت ھازىرلاپ بەرگەن.
ھېرشېل يۇلتۇز ئاسترونومىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ياسىغان تېلېسكوپلار نـەچـچـە100 دىـن ئاشىدۇ ۋە مـۇشۇ تېلېسكوپلار ئارقىلىق نۇرغۇن بايقاشلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىـڭ تـۇنـجـى زور بايقىشى قۇياش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاسترونوملار بۇرۇنلا يۇلتۇزلارنـىـڭ تامامەن تىنچ بولمايدىغانلىقىنى، «ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىش» ھادىسىسـى يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقـتـا قـۇيـاش (يـۇلـتـۇز) ھەرىكەت قىلامدۇ - يـوق؟ ھېـرشـېـل بـايـقـالـغـان27 يـۇلـتـۇزنـىڭ «ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىش» ىدىن پايدىلىـنـىـپ تـەھلـىـل قـىـلـىـش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق، قۇياشنىڭ گېركۇلېس يۇلتـۇز تـۈركۈمىگـە قـاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ بايقاش كوپېرنىك يەر شارى ھەرىكەت قىلمايدۇ دېگەن قاراشنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئاسترونومىيە ئىنقىلابى بولۇپ قالغان.
ھېرشېلنىڭ ئىككىنچى زور بايقىشى «فىزىكىۋى قـوش يـۇلـتـۇز» نـىـڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغانلىقى. قوش يۇلتۇز كىشىـلەر بـۇرۇنلا بـايـقىـغان ئاسترونومىيىلىك ھادىسە؛ قوش يۇلتۇز دېگىنىمىز كىشىلەر كـۆكـنـى كۆزەتكەندە كۆرىدىغان بىر - بىرىگە ئىنتايىـن يـېـقـىـن تـۇرغـان ئىككى يـۇلـتـۇزنـى كۆرسىتىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر قوش يۇلتۇز قارىماققـا ئىنتايىن يـېـقـىـن تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئارىلىقـى ئىـنـتـايـىـن يـىراق، خۇددى ئالدى - ئارقا تەرەپتىكى ئىككى تاغقا ئوخشاش، يىراقتىن قارىسا بىر - بىرىگە ياندىـشـىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئىككى يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولغـاچـقـا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزئارا تەسىر بولمايدۇ، دەپ قـارايـتـتـى. ئەلـۋەتـتـە، بـۇ پەقەت ئوپتىكا جەھەتتىكى قوش يۇلتۇز. كېيىن يەنە بەزىلەر «فىزىكـىـۋى قوش يۇلتۇز» نى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق ئىسپاتلىيالمىدى. ھېـرشېـلـنـىـڭ تەتقىقاتى بۇنى ئىسپاتلىدى، ئۇ يەنە فىزىكىۋى قوش يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىلىـق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، نيۇتون قانۇنىنىڭ قۇياش سىـرتـىـدىـكـى يۇلتۇز سىستېمىسىغىمۇ باپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئومۇمـيـۈزلـۈك قـانـۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ھېرشېل يەنە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسـى تـوغـرىـسـىـدىـكـى تەتقىقاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۇنجـى سـامـانيـولـىنىڭ تۇنجى كـەسـمـە يـۈز سخېمىسىنى سىزىپ چىقتى. ھېرشېلنىڭ ئوغلى جون ھېرشېل ئاتىسىنىـڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاتىسى بايقىغان قوش يۇلتۇزنىڭ ئوربىتـىـلـىـق ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى، يەنە ئاتىسىنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى قـايـتـا تەكشۈردى ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، جەنـۇبىي يـېـرىـم شـار ماتېرىـيـاللىرىنـى تولۇقلاپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا،5000 تۇمانلىقنى ئىچىـگـە ئالـغـان جـەدۋەل ۋە10 مىڭ جۈپ قوش يۇلتۇزنى ئىچىگە ئالغان جەدۋەلنى ئېلان قىلدى.