ماگېللان
مەشھۇر شەخسلەر
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىـدىـكـى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان دېـڭـىـز بـوغۇزى ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ چىلىدىكى ئەڭ چوڭ رايـون مـاگـېللان دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئاسماندا يەنە چوڭ - كىچىك «ماگېللان بۇلـۇتـى» بـار، بـۇلارنـىـڭ ھەممىسى پورتۇگالىيىلىك مەشھۇر دېڭىزچى ماگېللان (1480 −1521 ) نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كىشىـلـەرنـىـڭ مـاگېللاننىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر شارىنى دېڭـىـزدا ئايلانغانلىقىنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ماگېللان يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، غەربىي يېـرىـم شارغا دېڭىز سەپىرى قىلىش قارارىغا كېلىدۇ.1518 - يىلى، ماگېللان يـىـراق دېڭىز سەپىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسپانىيـە ئۈچـۈن ئاتلانتىك ئوكياندىن نامخائىغا بارىدىغان دېڭىز لىنىيىسىنى ئاچىدۇ.1519 - يىل9 - ئاينىڭ20 - كۈنى، ماگېللان توققۇز دۆلەتتـىـن كـەلـگـەن270 مـاتـروس بىلەن بەش كېمە ئەترىتىنى باشلاپ سانلۇكا دېڭىز پورتىدىن يولغا چـىـقـىـدۇ.1520 - يىل10 - ئاينىڭ21 - كۈنى، كېمە ئەتـرىـتـى جـەنـۇبـىـي ئامـېـرىـكـا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي چېتى بىلەن ئوتلۇق يەر ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭـىز بوغۇزى (ھازىر ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ)دىـن ئۆتكەندە، كېمـە ئەترىتىدە ئاران ئۈچ كېمە قېپقالىدۇ،10 - ئاينىـڭ28 - كۈنى «نـامـخـائى»غـا يېتىپ كېلىدۇ، بۇ جايدا سۇ يۈزى تىنچ بولغاچـقـا «تـىـنـچ ئوكـيـان» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىسىم تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىنچ ئوكـيـانـدا بەش ئاي يۈرۈپ،1521 - يىل3 - ئاينىڭ28 - كۈنى فىلىـپـپـىـنـنـىـڭ مـېـدان ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىسپانىـيـە ئۈچـۈن ئاتلانتىك ئوكـيانـدا تـۇنـجـى ئىتتىپاقداشنى تاپىدۇ. ماگېللان كېـيـىـن شـۇ جـايـدىـكـى ئاھالـىـلەرنـىـڭ ماجراسىغا ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتـۈرۈلـىـدۇ. ماگېللان ئۆلگەندىن كېيىن، ئېركانـو بـىـر كـېـمـە بـىـلـەن21 ماتـروسـقـا قوماندانلىق قىلىپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايـلـىـنـىـپ ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا كېلىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىـمـلـىـق يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملاپ، يەرنىڭ شار شەكلىدە ئىكەنلـىـكـى توغرىسىدىكى نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.