دېگولل
مەشھۇر شەخسلەر
دېگولل (1890 −1970 - يىللار) بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش چېغىدا پارىژ ئالىي ھەربىي ئىنستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، تانكا برىگادىسىنىڭ قوماندانلىقىدىن گېنېراللىققا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ئورۇنباسارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.2
- دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە قولدىن كېتىپ، ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن. مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان جىددىي پەيتتە، دېگولل دەرھال ئەنگلىيىگە بېرىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ لوندون رادىئو ئىستانسىسىدا مەشھۇر «18 - ئىيۇن چاقىرىقى» نى ئېلان قىلىپ، «ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى كېيىن «فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى» غا ئۆزگەرتىلگەن.1943 - يىلى ئۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فرانسىيە خەلقىنىڭ داھىيسى بولغان، كېيىن ئەنگلىيە، يېقىن شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئارىلىقىدا چېپىپ يۈرۈپ، فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، فرانسىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئالىي شۆھرەت ۋە ئىززەت - ئېھتىرامغا سازاۋەر بولغان.2
- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فرانسىيە دۆلەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشتەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، دېگولل نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسى پارلامېنتتىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇ ئاخىر1946 - يىلى1 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ۋە كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمە» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ھەمدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، سىياسىي ۋەزىيەتكە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلغان.
دېگولل1958 - يىلىدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، فرانسىيە5 - جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان،1969 - يىلى4 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، چوڭ دۆلەتلەر دۇنيانى ئىدارە قىلىۋالىدىغان ۋەزىيەتكە قارشى تۇرغان. فرانسىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋېتىلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئاپپاراتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فرانسىيە غەرب ئەللىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن1964 - يىل1 - ئاينىڭ27 - كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
دېگولل1970 - يىل11 - ئاينىڭ9 - كۈنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.