UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرپلېخانوۋ

پلېخانوۋ

مەشھۇر شەخسلەر 1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ توپ ئوقلىرى ياڭراۋاتقاندا، قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پېتروگراد شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئۆيدىن بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدى، بوۋاي ئۇلارنىڭ سورىغان سوئالىغا تىترەك ئاۋازى بىلەن: «مەن روسىيىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن40 يىل كۈرەش قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئاغرىقچان، ئاجىز بوۋاي روسىيە تارىخىدىكى داڭلىق ماركسىزم تەشۋىقاتچىسى ۋە نەزەرىيىچىسى پلېخانوۋ ئىدى. پلېخانوۋ (1856 −1918 - يىللار) دەسلەپتە نارودنىكلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئەينى چاغدا ماركسىزم تېخى روسىيىگە تارقالمىغان بولۇپ، نارودنىكلار چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى بىر قىسىم زىيالىيلاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇتقۇزغۇچى دەپ تەمەننا قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىغا تايانماي، دېھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق قىلساق، دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان. كېيىن، ئۇلار يەنە تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ يوشۇرۇن قاتىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. پلېخانوۋ قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئەسلىدىكى پروگراممىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولغان. تەشۋىقات پائالىيىتى داۋامىدا، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. چەت ئەلدە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگەرگەن. ماركسىزم نەزەرىيىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، مەغلۇبىيەت تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئاخىر نارودنىكلارنىڭ خاتا ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزمچىغا ۋە ماركسىزم تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان. ئۇ روسىيىدىكى تۇنجى ماركسىزم تەشكىلاتى − ئەمگەك ئازادلىقى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ماركس، ئېنگېلسنىڭ «كومپارتىيە خىتابنامىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيىسى شەرھلەنگەن بىرمۇنچە ماقالە ۋە كىتابلارنى تۈزۈپ، چەت ئەلدە باستۇرغاندىن كېيىن، روسىيىگە مەخپىي ئەكىرىپ تارقاتقان. ئۇ ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە بىرمۇنچە پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى شانلىق سەھىپە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇ دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭالماي، بارا - بارا سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. پرولېتارىياتنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتا، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە، لېنىننىڭ توغرا لۇشيەنىگە جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلغان. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەسلەش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشتەك سەۋەنلىكىدىن ساۋاق ئالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر