UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرفېرمات

فېرمات

مەشھۇر شەخسلەر 17- ئەسىردىكى فرانسىيىلىك بىر ماتېماتىـك بىر قـىـيـىـن ماتېماتىكا مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى ماتېماتىكلارنى ئىلاجسىز قـويـىـدۇ، بۇ ئادەم فېرمات (1601 −1665 ) تۇر. بۇ مەسىلە مۇنداق:2 >n بولغاندا، nz=ny+nx نىڭ مۇسـبـەت پـۈتـۈن سان يېشىمى بولمايدۇ. بۇ ماتېماتىكىدا فېرمات چوڭ تېئورېمىسى دەپ ئاتالغان. بـۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش ھەققىدە، تارىختا نەچچە قېتىم مۇكاپات بېرىلىدىغان جـاۋاب تەلەپ قىلىنغانلىقتىن، بىرنەچچە دەۋرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماتېماتىكلىرى ئۇنى تەتقـىـق قـىـلـدى، بىراق300 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، تا ھازىـرغـىـچـە يا ئىسپاتلانمىدى، يا ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى. زامانىۋى ئېلېكتـرونـلـۇق كومپيۇتېر ئىشلىتىلىپمۇ، ئاران41000000 ≤n بولغاندا، فېرمـات چوڭ تـېئورېمـىـسـىـنـىـڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. ئەينى چاغدا فېرمات ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغان، شۇڭا ئۇ ماتېماتىـكـا قىيىن مەسىلىلىرى ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان بىر سىرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. فېرمات فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتـا قـانـۇن ئۆگەنگەن، كېيىن ئادۋوكاتلىقنى كـەسىپ قـىلـغـان ۋە پـارلامـېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. فېرمات ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىـڭ ھەممـىـسـىنـى پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، قانۇنغا ئوخشاش كىتابلارنـى ئوقـۇشـقـا سـەرپ قىلغان. ئۇ30 ياشقا كىرگەندە ماتېماتىكىغا ئىشتىياق بـاغلاپ قـالـغـان،64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر نۇرغۇن ئۇلۇغ بـايـقاشلارغـا ئېـرىـشـكـەن. بىراق، ئۇ ئىنتايىن ئاز ماقالە ئېلان قىلغان، ئاساسەن دوستلىرى بىلەن قىلىـشـقـان خـەت - ئالاقـىـدە ئۆزىـنـىـڭ ئىـدىـيـىـسىـنـى ئاشكارىلىغان، فېرمات ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى فېرماتنىڭ خاتىـرىـسـى ۋە تەستىقىي ئىزاھلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىدىيىسـىـنـى قـازىـدۇ، بەختكە يارىشا فېرماتتا «كىتاب ئوقۇغاندا قەلەم تەۋرىـتـىـدىـغـان» ئادەت بـار بولۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇنـى - بـۇنـى سـىـزىـپ يېزىپ قويغان، بەتنىڭ ھاشىسىغا بەرگەن باھاسىنىمۇ پۈتۈپ قويغان. ئۇ ھۆكـۈمـەت ئىشىدىن سىرتقى چاغلاردا ماتېماتىكا بىلەن مەشغـۇل بـولـغـان ھەمـدە مـول نەتىجە قازانغان. كېيىنكى ماتېماتىكلار ئۇنىڭ نۇرغۇن قىياسلـىـرى ۋە دادىل ئىجادىيەتلىرىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشىپ، ئۇنى «ئىشتىـن سـىـرتـقـى ماتېماتىكلار پادىشاھى» دەپ تەرىپلەشكەن. فېرماتنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى: دېكارت بىـلـەن بـىـرلـىـكـتـە ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنى بارلـىـقـقـا كەلتۈرگەن؛ ئەگـرى سـىـزىـقـنـىـڭ ئۇرۇنمىسىنى سىزىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، دىففېرېنسىئال - ئىنتېگـرالـنـى كەشىپ قىلغۇچىنىڭ بىرى بولغان نيۇتون تەرىپىدىن دىـفـفېرېـنـسىئال - ئىنتېگرال ئىدىيىسىنىڭ پېشۋاسى دەپ ئاتالغان؛ قىممىتى بار قىـيـاسلارنـى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، پۈتۈن سانلار توغرىسىدىكى نـەزەرىيـە − سان نەزەرىيىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنـى كـۆرسىتىـپ بـەرگەن. ئۇ يـەنـە، شىشىخال تاشلاپ قىمار ئويناشتا ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇشنىڭ قـانـۇنـىيـىـتـىـنى تەتقىق قىلىپ، كلاسسىك ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسـچـىـلـىـرىـدىـن بىرى بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر