ليۇ خۇي
مەشھۇر شەخسلەر
ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ماتېماتىكىسـىدىـكـى مـەشھـۇر دەستـۇرى «توققۇز بابلىق ھېساب» قا246 ماتېماتىـكـا مـەسـىلىسـى ۋە ئۇلارنـى يېشىش ئۇسۇلى كىرگۈزۈلگەن، بىراق، ئۇلارغا ئىشلىتىـلگەن فورمۇلا، تېئورېمىلارنىڭ ئىسپاتى بېرىلمىگەن. ۋېي - جىن دەۋرلىرىدىكى ماتېماتىك ليۇ خۇي (225 −295 ) «توققۇز بابلىق ھېساب» قا ئىزاھات يېزىپ، كىـتـاب نامىنى «توققۇز بابلىق ھېساب ئىزاھاتى» دەپ ئاتىغان. «توققـۇز بـاب» تىكى مۇھىم ماتېماتىكا ئۇقۇملىرىغا ئايرىم - ئايرىم تەبىر بـەرگـەن؛ فورمۇلا، تېئورېمىلارنى بىر - بىرلەپ ئىسپاتلىغان؛ مەسىلىلەرنى يېـشـىـش جەريانىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلغان ھەم نۇرغۇن ئۆزگـىـچـە قـاراشلارنـى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنچىكە لوگىكىلىق تەپەككۈر ۋە چوڭقۇر ماتېماتىكىلىق ئىدىيىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ماتېماتىكىسـى ئۈچـۈن پۇختا نەزەرىيىۋى ئاساس سالغان، شۇڭا ئۇنى ئېۋكلىدنىڭ قەدىمكى يۇنـان ماتېماتىكىسىنى يەكۈنلىشى ۋە رەتلىشى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.
ليۇ خۇي ماتېماتىكىدا نۇرغۇن نادىر ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان. ئۇ يىـلـتـىـزى تولۇق چىقماس ساننى تولۇق تەتقىق قىلىپ، تۇنجـى ئىـجـاد قـىـلـغـان ئونلۇق كەسىر سانلار ئارقـىلـىـق يـورۇتـۇپ بېرىپ، ئىرراتسىئونال سانلارنى تونۇشتا مۇھىم قەدەم تـاشـلىـغـان. چـەمـبـەر مەيدانى فورمۇلىسىنـى ئىـسـپـاتلاش ئۈچـۈن، چـەمـبـەرنـى كـېـسـىـپ پارچىلاش ئۇسۇلىنى مۇستەقىل ئىجـاد قـىـلغان، چـەمـبـەرگـە ئىچتىن تېگىشكەن مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىكتىن باشلاپ، تەرەپ سانىـنـى تـەدرىـجـىـي كۆپەيتكەندە، چەمبەرگە ئىچتىىن تېگىشكەن مۇنتىزىم ئالتە تەرەپـلـىـكـنـىـڭ يۈزى چەمبەر يۈزىگە يېقىنلاشقان ۋە چەمبەرگە ئىچتىن تـېـگـىـشـكـەن مۇنتىزىم3072 تەرەپلىكنـىـڭ يـۈزىـنـى ھېسـابلاش ئارقىلىق. چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ تەقرىبىي قىممىتى1416 .3 غا ئېـرىـشـىـپ، زۇ چۇڭجژنىڭ200 يىلدىن كېيىن چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېسابلاپ چىقىـشـى ئۈچۈن نەزەرىيە ۋە ئۇسۇل تەييارلىقىنى ھازىرلاپ بەرگەن. ئاساسى تىك بـۇلـۇڭـلـۇق ئۈچبۇلـۇڭ بـولـغـان تـىـك پرىـزمىـنى ئاجرىتىشتىن ھاسىل بولغان بىر تۆت قىرلىق پىرامىدا بىلەن بىر ئۈچ قىرلىـق پىرامىدانىڭ ھەجىملىرىنىڭ نىسبىتىنى تېپىش ئۈچۈن، ئۇ چەكسىز ئاجرىـتـىـپ، بىر - بىرلەپ بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «ليۇ خۇي پرىنسىپى» نى بـەرپـا قىلغان. تۈرلۈك ھەجىم مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغانـدا، ئىـكـكـى سـتـېرېئولـۇق شەكىلنىڭ ماس كەسـمـە يـۈزلـىـرىـنـىـڭ يـۈزلـىـرى ئوتـتـۇرىـسـىـدىـكـى مۇناسىۋىتىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەجىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىـۋىـتـىـنـى بەلگىلىگەن، زۇ خېڭ ( زۇ چۇڭجژنىڭ ئوغلى)200 يىلدىن كېـيـىـن، ئۇنـى مەشھۇر «ليۇ خۇي - زۇ چۇڭجژ پرىنسىپى»قىلىپ يـىـغـىـنـچـاقلاپ چـىـقـقـان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ «توققۇز باب» تىـكـى كـەسـىـر سـانلار نەزەرىيىسى، نىسبەت نەزەرىيىسى، تەڭلىمە نـەزەرىـيـىـسـى، گـۇگـۇ نەزەرىيىسى قاتارلىقلاردىمۇ مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قـىـلـغـان. ئۇ «دېڭىز ئاراللىرىنى ھېسابلاش دەستۇرى» دېگەن كـىـتـابـىـدا ئىـكـكـىـنـچـى دەرىجىلىك ئۆلچەش ئۇسۇلى − پەرقنى تەكرار ھېسابلاش ئۇسۇلى ئۈچۈن مۇھىم نەزەرىيىۋى ئاساس سالغـان ۋە ئۇنى ئۈچىنـچى دەرىجىلىك، تۆتىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەشكە بېيىتقان.
ليۇ خۇي ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن، مىلادىيە3 - ئەسىردىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ماتېماتىك بولۇشقا مۇناسىپ.