لېيبنز
مەشھۇر شەخسلەر
دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى زادى كىم كەشىپ قىلغانلىقى دۇنيا ئىلىم - پەن تارىخىدىكى ئومۇمىي دېلو ئىدى. ياۋروپا قۇرۇقـلـۇقـىـدىـكـى ئالىـملار تۆھپىنى گېرمانىيىلىك لېيبنز (1646 −1716 ) غـا مـەنـسـۇپ قـىـلـىـدۇ، ئەنگلىيىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر شەرەپـنـى نـيـۇتـونـغـا مـەنسۇپ قىلىدۇ. كەسكىن تالاش - تارتىش ھەتتا مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىشكىچە بېرىپ يېتىدۇ. ئاخىرى دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى لېيبنز بىلەن نيۇتون بىرلىكتـە كەشىپ قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، تـالاش - تـارتـىـش ئادىـل ھەل قىلىندى.
لېيبنز1673 −1676 - يىللاردا دېففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىپ،1684 - يىلى ماقالە ئېلان قىلغان؛ نيۇتون1665 −1666 - يىللاردا دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىپ،1687 - يـىـلـى كـاتـتـا ئەسـەر «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق قائىدىلىرى» دە ئېلان قىلغان. لېيبنز نۇرغۇنلىغان ماتېماتىكا بەلگىلىرىنى كەشىـپ قـىلىپ، دىفـفېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى ھېسابلاشنى قۇلايلاشتۇرغان، بۇ بەلگىلەر دۇنيادا ھازىرغىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ؛ نيۇتون دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى مېخانىكا بـىـلـەن بىرلەشـتـۈرگەن، ئۇنىڭ ئىـدىـيـىســى تـېـخـىـمۇ چوڭقۇر.... ھازىرقى دىففېرېنسىئال - ئىنتېـگـرالـدا ئۇلارنـىـڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئومۇملاشتۇرۇلغان.
لېيبنز گېرمانىيىنىڭ لېيپسېگ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كـىـشـىـلـەر ئۇنى كىچىكىدىنلا «خىسلەتلىـك بـالا» دەپ ئاتـىـشـاتـتـى. ئۇ15 يـېـشـىـدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ،20 يېشىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ مۇھىم تارمىقى − ماتېماتىكىلىـق لـوگىـكـىـنـىـڭ ئاساسچىسىغا ئايلانغان. شۇ يىلى قانۇن دوكتورلۇقى ئىلمىي ئۇنـۋانىغـا ئېرىشىپ، شۇنىڭدىن كېيىن دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغـۇللانـغـان. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى50 يىلدا ھەم مەشھۇر ئىجتىـمـائىـي پائالىيەتچى، ھەم مول ئۇتۇقلۇق ئالىم ئىدى.
لېيبنز دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىش، ماتېماتىـكـىـلـىـق لوگىكىنى تەشەببۇس قىلىشتىن باشقا، يەنە دېتېرمىنانت ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن ۋە فۇنكسىيە، تۇراقلىق مىقدار، ئۆزگەرگۈچى مىقدار، كوئوردېنات قاتارلـىـق ئاساسىي ئۇقۇملارنى ماتېماتىكىغا تەقدىم قىلغان. لېيبنز يـەنـە قـەدىـمـىـي جۇڭگو مەدەنىيىتىگە چوقۇنغۇچى، ئۇ شەرق مەدەنىيىتىنى كەمسىتىـدىغـان ياۋروپا مەركەزچىلىرىگە رەددىيە بېرىپ: «بىزگـە ئوخـشـاش كېيىن يېتىشكەنلەر تېخى بەدىۋىلىكتىن يېڭىلا قۇتۇلۇپ قـەدىـمـىـي پەلسەپىنى ئەيىبلىمەكچى بولىمىز... بۇ تازىمۇ ئۆزىنى بىلـمىگـەنلـىـك» دېگەن.. ئۇ ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىنىڭ ھېسابلاش قائىدىسىنى كەشىـپ قـىلىپ، كومپيوتېر ئاساس نەزەرىيىسىنـىـڭ پېـشـۋاسى بولغان. ئۇ يـەنـە جۇڭگونىڭ «پالنامە» سىدىكـى سىمۋوللۇق سەككىز رەم بەلگىسىدە ئىككىلىـك ساناق سىستېمىسىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى يوشۇرۇنغان دەپ كۆرسىتىدۇ.
لېيبنز تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا بىلىـمىدىن پايدىلىنىپ، تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ: «0 يوقلۇق، تەڭرى1 ،0 بىلەن1 دۇنيانى ياراتتـى» دېگەن. ئۇ ئىلاھىيەت بىلەن ئىلىم - پەننى مۇرەسسەلەشتۈرمەكچى بولۇپ، پرۇسسىيە شاھزادە ۋە بەگلىرىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىدە ئوردا جەمەتىدىكىلەرنىڭ قانداشلىقىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلىم - پەندە ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان.