زۇ چۇڭجژ
مەشھۇر شەخسلەر
ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر ھالقىـسـىـمـان تـاغ بـولـۇپ، «زۇ چـۇڭـجـژ ھالقىسىمان تېغى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ تاغ چەمبەر تۇراقلىـقـىـنـى ئەڭ بـۇرۇن توغرا ھېسابلاب چىققان جۇڭگولۇق ماتېماتىك زۇ چـۇڭـجـژ (429 −500 )نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
زۇ چۇڭجژنىڭ تەخەللۇسى ۋېنيۈەن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىـلـەر دەۋرىدە فەنياڭدىكى چيۇشەن ناھىيىسى (ھازىرقى خېبىـي ئۆلـكـىـسـىـنـىـڭ لەيشۈي ناھىيىسى)دىن. ھازىر بىز قوللىنىۋاتقـان π قـىـمـمـىـتـى1416 .3، ئەمەلىيەتتە، چەمبەر تۇراقلىقىدىن سەل چوڭـراق. بـۇنـىـڭـدىـن1500 يـىـل ئىلگىرى زۇ چۇڭجژ چەمبەر تۇراقلىقىـنىڭ1415926 .3 بىلەن1415927 .3 ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. غەربلىكلەر1000 يىلدىن كېيىن ئاندىـن π نىڭ مۇشۇنداق توغرا قىممىتىگە ئېرىشـكـەن. زۇ چـۇڭـجژ يـەنـە چـەمـبـەر تۇراقلىقى تەقرىبىي قىمـمـىـتـىـنـىـڭ113 /355 بـولـۇپ، تـەخـمـىـنـەن1415929 .3 كە باراۋەر بولىدىغانلىقىنى، بۇ π نىڭ توغرا قىممىتىدىن10000 دىـن1 پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ،3 تاق ساننـى جـۈپـى بـويـىـچـە113355 قىلىپ يېزىپ، ئاندىن ئوتتۇرىدىن ئىككىگە پۈكلەشتىن تەركىب تاپقان بـولـۇپ، كۆركەم، تەرتىپلىك، ئەستە تۇتۇشقا قۇلايلىق. ياپونىيىلىك ماتېماتىكلار بـۇ ساننى «زۇ چۇڭجژ تۇراقلىقى» دەپ ئاتايدۇ.
زۇ چۇڭجژ ئاسترونومىيە كالېنـدارچـىلـىـقى جـەھەتتىمـۇ نـۇرغـۇن خىزمـەتـلـەرنـى ئىشلىگـەن. ئۇ قـۇيـاش، ئاي ۋە يـۇلـتـۇزلارنـىـڭ ئالـەم بوشلۇقىدىكى ھەرىكىتىنى ئەستايىدىل كۆزىـتـىـپ، نـۇرغـۇن تـەپـسـىـلـىـي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. ئۇ ئەينى چاغدا ئىشـلـىـتـىـلـىـۋاتـقـان «يـۈەنـجـيـا كالېندارى» دا نۇرغۇن خاتالىقلار بارلىقىنى بايقايدۇ ھەمدە مۇشۇ خاتالىقلارغـا قارىتىپ، يېڭى كالېندار تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى «بۈيۈك مىـڭ كـالېندارى» دەپ ئاتايدۇ. «بۈيۈك مىڭ كالېندارى» دا كەبـىـسـە ئېيىـغـا تـۈزىتـىـش كىرگۈزۈپ، «يۈەنجيا كالېندارى» دىكى ھەر19 يـىـلـدىـكـى7 كـەبـىـسـە ئاينى391 يىلدىكى144 كەبىسـە ئايـغـا ئۆزگـەرتـىـپ، ھەر220 يـىـلـدا كۆرۈلىدىغان1 كۈنلۈك پەرقنى ھەر1739 يىـلـدا كـۆرۈلـىـدىـغـان1 كۈنلۈك پـەرقـقـە ئۆزگـەرتـىـدۇ. قـۇيـاشـنـىـڭ2 بـاش قـىـش ئارىلىقىدىكى ئورنىنىڭ سەل قىيپاشلىشىشىدىن پەيدا بـولـىـدىـغـان ۋاقـىـت پەرقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، زۇ چۇڭجژ تۇنجى قېتىم كالېندارچىلىـقـتىكـى تروپىك يىلى (قۇياشنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇدا2 قېتىم ئەتىيـازلـىـق كـۈن - تۈن تەڭشىلىش نۇقتىسىدىن ئۆتۈشىگە كېتىدىغان ۋاقىت ئارىـلـىـقـى) نـىـڭ كـۈن سـانـى2428148 .365 كـۈن،1 نـودىـكـال ئاي (ئاي شــارىنىڭ ئالــەم بوشلۇقىدا ئۇدا2 قېتىم شىمالغا قاراپ ئېكلىپتىكادىن ئۆتۈشىگە كېتـىـدىـغـان ۋاقىت) كۈن سانى212223 .27 كۈن ئىكەنلىكىنى ئوتـتـۇرىـغـا قـويـىـدۇ، بـۇ سانلار يېقىنقى زاماندىكى ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئىنتايىن يېقىنلاشقان.
زۇ چۇڭجژ مول بىـلـىـمـلـىـك ئالـىـم بـولـۇپ، تـۈرلـۈك مـاشـىـنـىلارنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئۇ ۋاقىت ھېسابلاشقا ئىشلىـتـىـدىـغـان قۇم سائەت، كومپاس، سۇ تۈگمىنى ۋە كېمە قاتارلىقلارنى لايىھىلـىـگـەن ۋە ياساپ چىققان.