دىئاس
مەشھۇر شەخسلەر
دىئاس (1450 −1500 ) تىن ئىلگىرى، غەربىي ياۋروپادىن دېڭىز يـولـى ئارقىلىق شەرققە − ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كەلگەنلەر يوق ئىدى. مەشـھـۇر دېڭىز سەپەرچىسى دىئاس مىڭلىغان مۈشكۈلاتلارنى بـاشـتـىـن كـەچـۈرۈپ، تۇنجى بولۇپ ئۈمىد تۇمشۇقى ئارقىلىق شەرققە بارىدىغان دېڭـىـز يـولـىـنـى بايقاپ، غەربىي ياۋروپا بىلەن شەرقنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى باشلىـشـى ئۈچـۈن تۆھپە قوشقان.
دىئاس پورتۇگالىيىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياشلىق دەۋرلىرىدىن باشلاپلا دېڭىزدىكى ئېكسپېدىتسىيە ھەرىـكـەتـلـىـرىگـە قىزىققان، ئىلگىرى كېمە بىلەن بىللە ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە بارغـان بولغاچقا، مول دېڭىز سەپىرى تەجرىبىسىگە ئىگە.1487 - يىلى پورتۇگالىـيـە پادىشاھى ئۇنى كېمە ئەترىتىنى باشلاپ شەرققە بارىدىغان يولنى تـېـپـىـشـقـا ئەۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دىئاس بىراقلا مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان.1487
- يىل8 - ئايدا، دىئاس100 توننىلىق ئىككى چوڭ يەلكەنلىك كېمىنى باشلاپ، پورتۇگالىيىنىڭ پايتەختى لىسابوندىن يولغا چىقىـپ، شـامال ۋە دولقۇن كۈچلۈك بولغان غەربىي ئافرىقا دېڭـىـز قـىـرغـىـقـىـنـى بـويلاپ جەنۇبقا سەپەر قىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ كېنىيە ئەتراپىدىكـى دېـڭـىـزدىـن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ناتونۇش دېڭىزدا ئىزدىنىشنى بـاشلايـدۇ.13 كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلـمـەيـدۇ. دولقۇن بارغانسېرى ئەدەپ كېتـىـدۇ، خەتەر كـۈنـسـايـىـن چـوڭـىـيـىدۇ، ماتروسلار داۋاملىق سەپەر قىلىش ئىـشـەنـچـىـسـىـنـى يـوقىتـىـدۇ. دىئاس ئىلاجسىز قايتىشقا قوشۇلىدۇ، بىراق، كېمە ئەترىتىدىن ئەتراپتىكـى دېڭـىـزدا قىسقا ۋاقىت ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىـزدىـنـىـش داۋامـىـدا، دېڭىز قىرغىقىنىڭ شەرقىي شىمالغا قايرىلغانلىقىنى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭمـۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بـايـقـايـدۇ، كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ چاغدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىنى ئايـلـىـنـىـپ ئۆتـۈپ، ھـىـنـدى ئوكيانغا چىققانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. دىئاسنىڭ ھىندىستان ۋە جۇڭـگـوغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى تېپىش بۇرچى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ.1488
- يىل3 - ئاينىڭ12 - كۈنى، قايتىش سەپىرىـدە يـەنـە ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بوغۇزىـغـا كـېـلـىـدۇ. ئۇلار كـېـمـىـدىـن چۈشۈپ، قاتتىق قورام تاشقا پورتۇگالىيە يېزىقىـدا پـادىـشـاھ جـونⅡ نىڭ ئىسمىنى ئويۇپ، تۇنجى قېتىم ئافرىقىنى ئەگىپ ئۆتـۈش سـەپـىـرىـنـى خاتىرىلەيدۇ. گەرچە ئۇلار ھىندىستانغا بارالـمـىـغـان بـولـسـىمـۇ، لـېـكـىـن ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولى ئېچىلىدۇ، دىئاس مانا بۇ دېڭىز بوغۇزىنى «ئۈمىد تۇمشۇقى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز ھىندىستاننى تېپىشتىـن ئۈمـىـد بـار دېگەن مەنىدە. بۇ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئەتراپىدىكـى دولـقـۇن بـەك كـۈچـلـۈك بولغاچقا، «بوران - چاپقۇنلۇق تۇمشۇق» دەپمۇ ئاتالغان.1488
- يىل12 - ئايدا، كېمە ئەترىتى1 يىللىـق دېـڭـىـز سـەپـىـرىـنـى باشتىن ئۆتكۈزۈپ لىسابونغا قايتىپ كېلىدۇ، پادىشاھ دىئاسنى داغدۇغىلـىـق كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بايقىشى بىر مەھەل زىلزىلە پەيـدا قـىـلـىـدۇ.1500 - يىلى دىئاس يەنە بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى كېمە ئەترىتىنـى بـاشلاپ، ئۈمىـد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش سەپىرىگە چـىـقـىـدۇ. كـېـمـە ئەتـرىـتـى ئۈمـىـد تۇمشۇقىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندا، بىردەملىك قۇيۇن قاتـتـىـق دولـقـۇن پەيدا قىلىپ، تۆت كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، دىئاس بەختكە قارشى دېڭـىزدا جان ئۈزىدۇ.