UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرۋاڭ يۇڭمىن

ۋاڭ يۇڭمىن

مەشھۇر شەخسلەر 1983 - يىلى8 - ئايدا، ۋاڭ يۇڭمىڭ ئىجاد قىلغـان بـەش سـىـزىـقـلـىـق خەت تىپى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا خەنـزۇچـە خـەت كـىـرگـۈزۈش لايىھىسى تېخنىكىلىق بېكىتىشتىن ئۆتىدۇ، «مىخ مەتبەئە تېخنىكـىـسـىـدىـن قېلىشمايدىغان» ھەم مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسـى − بەش سىزىقلىق خەت تىپى بارلىققا كېلىپ، خەنزۇچە خـەتـنـى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىـن تـېـمـا ھەل بـولـىـدۇ، قەدىمىي خەنزۇچە خەت ھەر مىنۇتتا كومپيۇتېرغا100 خەت كـىـرگـۈزۈش سۈرئەت ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتـىـدۇ. خـەنـزۇچـە خـەت ئۇچۇرلىـشـىـش دەۋرىنىڭ قوۋۇقىدىن كىرىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غـايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. ۋاڭ يۇڭمىن (1943 − ) خېنەن ئۆلكىسىنـىـڭ نـەنـجــاۋ ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا مـۇلاھىـزە قىلىشقا، نەرسىلەرنى ياساشقا ئامراق. ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدە ئۇ كېسەك قۇيۇش ماشىنىسى، تاختىمۈشۈك، كىچىك پويىز، كىـچىك ئايروپىلان ياساپ باققان، يەنە ئاپىسىنىڭ رەخت توقۇش ماشىنىـسـىنـى ئۆزگـەرتـىـپ بەرگەن، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا: «ئۆگـەنـگـەن فىزىكا، خىمىيە دەرسلىكلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ھەممىسـىـدە چەت ئەللىكلەرنىڭ رەسىمـى بار. بـىز جـۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغ كەشپىياتلارنى قىلالمايمىز، جۇڭگولۇقلارنىڭ رەسىمى نـېمە ئۈچۈن كىتابـقـا بېسىلمايدۇ؟» دېگەن.1962 - يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نـەنـجـاۋ ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچىلىكنى ئالغان ئەلا نەتىجـە بـىلەن جـۇڭگـو پـەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترونىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ۋاڭ يۇڭمىن1978 - يىلىدىن ئېتىبارەن خەنزۇچە خەتنى كومپيۇتېرغـا كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قـىـلـىـدۇ. ئەيـنـى چـاغـدا نـەچـچـە ئون مىڭلىغان چاسا خەنزۇچە خەت كومپـيـۇتـېر ئالـدىـدا مـۈشـكـۈل ئەھۋالـغـا چۈشۈپ قالىدۇ. خەنزۇچە خەت ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېرغا يۇقىرى سۈرئەت بىلەن كىرگۈزۈلمىسە، جۇڭگو ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قوۋۇقى سىرتىـدا قالىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر شىركىتى ئامېرىكىـنـىـڭ MBI65 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، نەچچە يىل تەتقـىـق قـىـلـغـان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقىرالمايدۇ، شۇنىـڭ بـىـلەن بـۇ تـەتـقـىـقـات دۇنياۋى قىيىن تېمىغا ئايلىنىدۇ. ۋاڭ يۇڭمىن دۆلەت ۋە مىللەتكـە بولغان مۇھەببىتى بىلەن، جاپالىق تەتقىقات خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىـگـە چىرماشقان كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە پەرۋا قـىلماي، بەش يـىل جاپالىق كۈرەش قىلىپ، چىغىناق - تاغاق يېزىقى، «سۆز - خەتلەر ئىـزاھاتى»، «كـاڭـشـى لۇغىتى»، «سۆزلەر ئېتمولوگىيىسى»، «شىنـخـۇا لـۇغـىـتـى» دىـكـى نەچچە10 مىڭلىغان خەنزۇچە خەتلەرنى بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، پارچـىلاپ،120 مىڭ پارچە كارتىغا كۆچۈرىدۇ، يېزىقشۇناسلىق، كـومپيۇتـېـر ئىلمى، سىستېما نەزەرىيىسى، ئادەم - ماشىنا ئىنژېنېرىيىسى قاتارلىق كۆپ خىل پـەننىي بىلىملىرى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، خەنزۇچە خەت قۇرۇلمىسىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، «خەنزۇچە خەت شەكلى كودىنى لايىھىلەشنىڭ ئۈچ قائىدىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەپچىل تـەسەۋۋۇر ئارقىلىق25 كۇنۇپكا، تۆت كود بىلەن خەنزۇچە خەتنى يۇقىرى ئۈنـۈمـلـۈك كىرگۈزۈش ئۇسۇلـى ۋە «خـەت بـىـلـەن سـۆزلـۈكـنـى مـاسلاشـتـۇرۇش» تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بـۇيـانـقـى تىزگىنسـىـز خەنزۇچە خەتنى تۇنجى قېتىم ئىلىم - پەن ئىزىغا سېلىپ، كومپيۇتـېـردىـكـى25 كۇنۇپكىدىن پايدىلىنىپلا خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈشنى دۇنيـا بـويـىـچـە تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، سۈرئىتى مىنۇتىغـا100 خـەتـتـىـن ئېـشـىـپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «خەنزۇچە خەتنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشنـى غـەرب ئەللىرىنىڭ يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمـاسـلـىـق دەۋرى كـەلـمـەسـكـە كېتىدۇ». ۋاڭ يۇڭمىن بەش سىزىقلىق خەت تىپىنى كەشىپ قـىـلـىـپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياش - ئوتتـۇرا ياش مۇتەخەسسىس قاتارلىق شەرەپلـىـك نـاملارغـا ئېـرىشـىـدۇ، بـىـراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن قانائەت قىلمايدۇ.1984 - يىلدىن باشلاپ، يەنە بوشاشـمـاي تىرىشىپ، بەش سىزىقلىق خەت شەكلى كودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بـۇ پـەن - تـېـخـنـىـكـىـنـى پـۈتـۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغـا ئومـۇملاشـتـۇرۇپ ئىـشلـەپچىقـىرىش كۈچىگـە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىر «بەش سىزىقلىق خـەت تىپى» ئامېرىكـا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ئۈچ دۆلەتنىڭ پاتېنتىغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئامېرىكىـغـا تۇنجى ئېكسپورت قىلغان كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئايلىنىپ، ئېلىمىز ئۈچـۈن شەرەپ قۇچتى. «بەش سىزىقلىق خەت تىپى» نـى يـادرو قـىلغان يۇقىرى پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ھەر يىلى دۆلىتىمىز ئۈچۈن غـايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر