UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرجاڭ خېڭ

جاڭ خېڭ

مەشھۇر شەخسلەر 1800نەچچە يىل ئىلگىرى، ياۋروپالىقلار يەر تەۋرەشنـى تـەڭـرىـنـىـڭ ئىنسانلارنى جازالىشى دەپ قارايدىغان چاغلىرىدا، جۇڭـگـونـىـڭ شـەرقـىـي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ خېڭ (78 −139 ) ئىسىـمـلـىـك كـىـشـى ئاستانە لوياڭدا يەر تەۋرەشنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان «سـېـيـسـمـوگـراف»نـى ياساپ چىققان، بۇ دۇنيا بويىچە يەر تەۋرەشنى ئۆلچـەيـدىغـان تـۇنـجـى ئەسۋاب. بۇ ئەسۋابتا ئاغزىغا مىس شار چىشلەپ تۇرغان سەككىز ئەجدىھا تۆۋەن تەرەپتىكى ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان سەككىز پاقىغا قاراپ تۇرىدۇ، قـايسى يۆنىلىشتە يەر تەۋرىسە، شۇ تەرەپتىكى مىس شار پاقىنىڭ ئاغزىغا چـۈشىدۇ. مىلادىيە138 - يىل2 - ئايـنـىـڭ3 - كـۈنـى، بـۇ ئەسـۋاب1000 چـاقـىـرىـم يىراقلىقتىكى لۇڭشى (بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسىنـىـڭ شـەرقـىـي جـەنـۇبى قىسمى) دا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يـەر تـەۋرەشنى خـاتـىرىلەيدۇ. بـۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئەسـۋابـتـىـن پـايدىلىنىپ يەر تـەۋرەشـنـى خاتىرىلىشى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ يەر تـەۋرەشنـى بـويـسۇنـدۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جاڭ خېڭ خېنەننىڭ نەنياڭدىكى شىئې (بۈگۈنكى خېنەننىڭ نـەنـجـاۋ ناھىيىسى) دا تۇغۇلغان، بالىلىق چاغـلـىـرىـدا ئائىـلـىـسـى نـامـرات بـولـغاچقا، تۇرمۇشىنى يېقىنلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن قامدىغان. نامراتـلـىـق جـاڭ خېڭدا ئاددىي - ساددا ھەم قەيسەر پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەن، ئۇ كىچىـكـىـدىـنلا تىرىشىپ ئوقۇپ، كۆپلەپ كىتاب كۆرۈپ، كېيىن ئىلىم - پەن تـەتـقـىـقـاتـى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. جاڭ خېڭ دەسلەپكى يىللىرى ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىـپ، ئەينى چاغدىكى ئالتە چوڭ رەسسامنىڭ بـىـرى دەپ ئاتالغان.34 يـېـشـىـدا، قىزىقىشىنى تەبىئىي پەنگە يۆتـكـەپ، نـاھايـىـتـى تـېـزلا ئاسـتـرونومـىـيـە، كالېندارچىلىق ۋە ماتېماتىكىنى پىششىق ئۆگىنىپ، ئىلىم - پەن تارىخىدىـكـى نۇرغۇن بىرىنچىلەرنى ياراتقان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئاسترونومىيىسـىـدە نـۇرغـۇن ئېقىملار بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن ئاسماننىڭ قاپلىنىش تەلىماتى، ئاسمان شارى تەلىـماتى ۋە كېچىلىك ئاسمان قىياپىتى تەلىماتى قاتارلىقلار بار، جاڭ خـېـڭ ئاسـمـان شارى تەلىماتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. ئۇ مۇنداق قـارايـدۇ: ئاسـمـان يـۇمىلاق بولۇپ، تۇخۇم پوستىغا ئوخشايدۇ؛ يەر شار شەكلىدە بولۇپ، تۇخـۇمـنـىـڭ سېرىقىغا ئوخشايدۇ. ئاسمان چوڭ، يەر كىچـىـك بـولـۇپ، ئاسـمـانـنـى ھاۋا تىرەپ تۇرىدۇ، يەر مۇئەللەقتە تۇرىدۇ، ئاسماننىڭ يېرىمى يـەردە، يـېـرىـمـى يەرنىڭ تېگىدە بولىدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئاسمان شارىنىڭ پـوستىغـا جايلىشىپ، ئاسمان بىلەن بىللە ئايلىنىدۇ. جاڭ خېڭ بـۇ قـائىـدىـنـى چـۈشـەندۈرۈش ئۈچـۈن، چـوڭ تـىپتىكى ئاسـتـرونـومـىـيـە ئەسـۋابـى − سـۇ بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاسمان گلوبۇسىنى ياساپ چـىـقـقان. بـۇ ئەسـۋابـنـىـڭ ئاساسىي گەۋدىسى يوغان كاۋاك مىس شارچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كـۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئويۇلغان. مىس شار سۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىـلەن ئاستا - ئاستا ئايلىنىپ، بىر كۈندە بىر قېتـىـم ئايـلـىـنـىـپ بـولـىـدۇ، كـەچ كىرگەندە، كىشىلەر ئەسۋابتىن يۇلتۇزلارنىڭ چىقىشى، غايىـب بـولۇشىـنـى كۆرەلەيدۇ، بۇ ئەمەلىي كۆزىتىلگەن ئاسمان جىسىملىـرى بـىـلـەن تـامامـەن بىردەك. بۇ، دۇنيا بويىچە ئالەم ھادىسىلىرىنى بىرقەدەر ئېـنـىـق ئىـپادىـلـەپ بەرگەن تۇنجى ئەسۋاب. جاڭ خېڭ يەنە دۇنيا بويىچە ھاۋا رايىنى ئۆلچەيدىغان تۇنجى ئەسۋابـنـى ياساپ چىقىدۇ، بۇ «شامال ئۆلچىگـۈچ» دەپ ئاتـىـلـىـدۇ، بـۇ يـاۋروپـادا12 - ئەسىردە ياسالغان شامال ئۆلچىگۈچتىن1000 يىلدىن ئارتۇق ئىلگىـرى. ئۇ ماتېماتىكىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئۇتۇقلارنى قازانغان، ئۇنىڭ ھېسابلاپ چىققان چەمبەر تۇراقلىقى16 .3 دىن كۆپرەك ئىدى، بۇ بەك توغرا بولمـىـسـىـمـۇ، لېكىن ھىندىستان، ئەرەب ماتېماتىكلىـرى ھېـسـابلاپ چـىـقـقـان ئوخـشـاش نەتىجىدىن تەخمىنەن500 يىل ئىلگىرى تۇرىدۇ. جاڭ خېڭ يەنە ئاينىڭ قۇياش نۇرىـنـى قـايـتـۇرۇپ يورۇقلۇق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاي تۇتۇلـۇشنىڭ سـەۋەبـىـنـى تۇنجى قېتىم توغرا ئىزاھلىغان. ئۇ قۇياشنىڭ ئالەمدىكى ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ئاساسـەن، قىشتا كۈن قىسقا، تۈن ئۇزۇن بولۇش ۋە يازدا كـۈن ئۇزۇن، تـۈن قـىـسـقـا بولۇش قائىدىسىنى چۈشەندۈرگەن ھەم ئەينى چاغلاردىكى ئاسترونومـىـيـە بىلىملىرى ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، «رەسەتنامـە» دېـگـەن كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتابتا ئەينى چاغدا لويـاڭـدا تـۇرۇپ كـۆزەتـكـەن2500 يۇلتۇز خاتىرىلەنگەن ۋە ئېلىمىزدىكى مۇكەممەل يۇلـتـۇزلار خەرىتىسىنى تۇنجى قېتىم سىزىپ چـىـقـقان، بۇ نـەتـىـجە يـېـقـىـنـقـى زامـانـدىـكـى ئاسترونوملارنىڭ كۆزەتكىنى بىلەن خېلـىلا ئوخـشـىـشـىـدۇ. ئۇ ھېـسـابلاپ چىققان يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش يىلىنىڭ سان قىممىتىمۇ ناھايـىـتـى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
جاڭ خېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki