ئەيلېر
مەشھۇر شەخسلەر
1783- يىل9 - ئاينىڭ18 - كۈنى فرانسىيىلىك مېنگور ئاكا - ئۇكىلار ئىككىنچى قېتىملىق ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ ئۇچـۇش سـىنىقـىنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، روسسىيىنىڭ سان پېـتـېربۇرگـدا بىر ئەما بوۋاي دوستلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىـلىـپ، ئۆزى ھېسابلىغـان شارنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش فورمۇلىسىنىـڭ ئىـسپاتلانـغـانلـىـقـىـنـى تەبرىكلەيدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۇ، كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇراننىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ھېسابلاشقا كېتىدۇ، توساتتىن ئۇنـىـڭ قولىدىكـى غاڭزىسى يەرگە چۈشـۈپ، بـوۋايـنـىـڭ ئىـكـكـى كـۆزى يـۇمۇلۇپ قـايتـا ئېچىلمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم - پـەن ئىـشلىرى ئۈچـۈن ئاخـىرقـى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلغان بۇ ئەما ياۋروپـادىـكـى مـەشـھۇر ماتـېـمـاتـىـك شۋېتسارىيىلىك ئەيلېر (1707 −1783 ) ئىدى.
ئەيلېر شۋېتسارىيىدىكى داڭلىق شـەھەر بـازېلدا دۇنـيـاغا كـەلـگـەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، ئۇ13 يېشىدىلا بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان، ھەرقايسى پەنلەردىكى نـەتـىـجـىـسـى ئەلا بولغان.17 يېشىدا بارلىق ئۇنـىـۋېـرسـىـتـېـتلار تـارىـخـىـدىـكـى ئەڭ يـاش ماگستىرغا ئايلانغان.18 يېشىدا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغـان،19 يېشىدا يازغان كېمە ماچتىسى توغرىسىدىكى ماقالە پـارىـژ پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1727
- يىلى ئەيلېر، تەكلىپكە بىنائەن، روسسىيىنىڭ سان پېـتـېـربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىـدە ئىشلىگەن،1733 - يـىـلـى26 يـېـشـىـدا دوتسېنتلىققا ۋە ماتېماتىكا بۆلۈمىـنىـڭ مـەسئۇلـلـۇقىـغـا ئۆسـتـۈرۈلگەن. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن،28 يېشىدا ئوڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان.1741 - يىـلـدىـن1766 - يىلغىچە ئەيلېر بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بـىـنـائەن ، پرۇسسىيە پادىشاھلىقى ئۈچۈن25 يىل خىـزمـەت قـىـلـغان.1766 - يـىلى روسىيە ئايال پادىشاھى يېكاتېرىنا Ⅱئەيلـېـرنـىـڭ سـان پـېـتېـربـۇرگـقـا قايتىشىنى ئۆزى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەيلېـرنـىـڭ خـىـزمـەت شـارائىـتـى جىق ياخشىلانغان بولسىمۇ، خـىـزمـەت سـىـجـىـلـلـىـقـى ئۇنـىـڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، زىيادە چارچاش تۈپـەيـلـىـدىـن، ئۇنـىـڭ سـول كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالغان. ئارقىدىنلا ئوت ئاپىتى بولۇپ، ساقـلـىـغـان كۆپ قىسىم كىتابلىرى ۋە قوليازمىلىرى كۆيۈپ كەتكەن. بىـراق، ئەيـلـېـر بۇنىڭلىق بىلەن تىز پۈكمىگەن، ئۇ: «ئەگـەر تـەقـدىـر ئۇيـۇلتاش بولسا، مەن بازغانغا ئايـلـىـنـىـپ، ئۇنـى يـانـجـىـپ كـۇكـۇم - تـالـقـان قىلىۋېتىمەن!» دەيدۇ. ئەيلېر ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قېرىلىق ۋە زۇلمەت بىلـەن17 يىل ئېلىشقان، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتىغىچە ياردەمچىلىرى بىـلەن مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسـۇللار بـىـلـەن نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى تاماملىغان.
ئەيلېر ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە، بىناكارلىق، ھەتـتـا مـۇزىـكـا، پەلسەپە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ شانلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ماتېماتىكىنىـڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەيلېرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان فـورمۇلا، تېئورېمـا ۋە مۇھىم تۇراقلىق سانلارنى ئۇچرىتىمىز، ھازىرقى ماتېماتىكا كىتابىمىزدىـكـى i (يەنى، )، (x(f (فۇنكسىيە بەلگىسى) (يىغىندى بەلگىسـى)، nis، soc (ترىگونومېترىيىلىك فۇنكسىيە بەلگـىـسـى) قـاتـارلـىـقلارنـى ئۇ ئوتـتـۇرىـغـا چىقارغان ۋە ئومۇملاشتۇرغان. گولدباخ قىياسىمۇ ئۇ گولدباخقا يازغان خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەيلېر يەنە تۇنجى بولـۇپ، ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىنـچـىـكـە نەزەرىيىنى تاماملاپ، ئانالىتىك مېخانىكا، قاتتىق جىسىم مېخانىكىـسـى قاتارلىق مېخانىكا پەنلىرىنى بەرپا قىلغان، تېلېـسكوپ، مىكروسكوپنـى لايىھىلەش، ھېسابلاش نەزەرىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.
ئەيلېرنىڭ ئاممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەستە ساقلاش كۈچى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلىشى، شاۋقۇن - سۈرەننىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدىغانلىقى، ئېغىر - بېسىقلىقى، ھارماي - تالماي ئىشلىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر.