لىننې
مەشھۇر شەخسلەر
18 - ئەسىردىن ئىلگىرى، دۇنيادىكى تۈمەنلىگەن ئۆسۈمـلـۈكـلـەرنـىـڭ بىرلىككە كەلگەن نامى يوق بولغاچقا، ئوخشاش بىر خىل ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ بىرقانچە خىل نامى ياكى بىرقانچە خىل ئۆسۈملۈكنىڭ بـىـر خـىـل نـامـى بولغان، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىشقا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ قالايمىقانچىـلـىـقنى شۋېتسىيىلىك بوتانىك لىننې (1707 −1778 ) ئۆزگەرتكەن. ئۇ كەشىپ قىلغان «قوش نام سىستېمىسى بويىـچـە نام بېرىش ئۇسۇلى» (قىسقارتىلىپ «قوش نام ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ) دا، ھەربىر خىل ئۆسۈملۈككە ئىككى خىل نام بېرىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل بويىچە ئۇنـىـڭ ئۇرۇقداش نامى، يەنە بىرى تۈر نامى بولىدۇ، بۇلارنى بىرلەشتـۈرگـەنـدە، ئادەمنىڭ ئىسىم فامىلىسىگـە ئوخشاش، مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئىلمىي نامى بولىدۇ. بۇ خىل نام بېرىش ئۇسۇلى تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
لىننې كىچىكىدىنلا ئاتىسىنىڭ تەسىرى بىلـەن، گـۈل - گـىـيـاھ، ئوت - چۆپلەرگە قىزىقىدۇ، ئۇ كىچىك بىر پارچـە يـەر ئېـچـىـپ، كۈن بويى ياۋا گۈل، ياۋا گىياھلارنـى كـۆچـۈرۈش، ئۆسـتـۈرۈش بـىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئۇ دىن دەرسىدە لاياقەتسىـز بـولـۇپ يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغاچقا، موزدۇزلۇق دۇكىنىدا شاگىرت بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ھايۋانات - ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان قىزىقىشـى قىلـچـە سۇسلاشمايدۇ، ئۇ ھەمىشە ئۇششاق جانىۋارلارنى ئوپېراتسىـيە قـىـلـىـدۇ، دالىلارغا بېرىپ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىدۇ. روسمان ئىـسـىـمـلـىـك ئوقۇتقۇچى لىننېنىڭ ئىستېداتى ۋە غەيرىتىنى كۆرۈپ، ئۇنـى دائىـم ئۆيـىـگـە ئېلىپ بېرىپ كىتاب ئوقۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لـىـنـنـې روسمان مۇئەللىمنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن،20 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلـەن شۋېتسىيىنىڭ لۇند شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىدۇ،23 يـېـشـىـدا بـۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى مەشھۇر بوتانىكا ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىـن ئېتىبارەن، ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىلىپ كەلگەن ئۆسـۈمـلـۈك، ھايـۋانـات تەتقىقات ساھەسىگە كىرىدۇ.1732
- يىلى، لىننې شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېـمـىـيـىـسـىـنـىـڭ مـاددىـي ياردىمىگە ئېرىشىپ، يالغۇز ئۆزى شۋېتسىيىنىڭ شىمـالىدىكـى لاپلاندىيە ۋىلايىتىگە ئاتلىق بېرىپ، بەش ئاي تەكشۈرۈش بـىـلـەن مـەشغـۇل بـولـۇپ، نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىدۇ، بۇنىـڭ ئىـچـىـدىـكـى100 نەچچە خىلىنى ئىلگىرىكىلەر خاتىرىلىمىگەنىدى. لـىـنـنـې تـەكـشـۈرۈش نەتىجىسىنى رەتلەپ «لاپلاندىيە ئۆسۈملۈكلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىـتابنى يېزىپ چىقىپ، بوتانىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىـغـا سـازاۋەر بـولىدۇ. شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، شـۇ جايدا چىقىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ئۇرۇقدىشىغا «لىننې ياغاچ ئۇرۇقدىشى» دەپ نام بېرىدۇ.1732
- يىلىدىن ئېتىبارەن، لىننىي گوللاندىيىدە ئوقۇپ، تېببىي پـەنـلـەر بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ؛ ئۇ گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيـە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يـىللىـق تـەكشـۈرۈش ماتېرىياللىرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن دەۋر بۆلگۈچ كاتتا ئەسەر − «تەبىئەت سىستېمىسى» نى ئېلان قىلـىـدۇ. لـىـنـنـې بـۇ كىتابىدا مىنېراللارنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسـۈشـى ۋە ياشىشى، ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈشى، ھاياتى ۋە تۇيغۇسىنى شەرھلەيـدۇ. «قوش نام ئۇسۇلى» كىتابتا تۇنجى قېتىـم كۆرۈلىدۇ، شـۇنىڭ بىلەن لىننېنىڭ نامىمۇ دۇنياغا تارىلىدۇ.