روبېسپېر
مەشھۇر شەخسلەر
فرانسىيىدە ھېسسىياتچان، ئەدەبىياتقا تولىمۇ ھېرىسمەن، دائىم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ، ئانا تەبىئەتنى قانماي مەدھىيىلەيدىغان بىر ياش ئادۋوكات ئۆتكەن. ئۇ ئەسلىدە ئۆمرىنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزسە تامامەن بولاتتى، ئەمما ئۇ باراۋەرلىك، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،36 ياشقا كىرگەن تازا نەۋقىران چاغلىرىدا جازا مەيدانىغا چىقىپ قالغان. بۇ يىگىت دەل فرانسىيىدە ياكوبىنچىلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدىكى ئۇلۇغ رەھبەر ماكسىمىليان روبېسپېردۇر.
روبېسپېر (1758 −1794 - يىللار) فرانسىيىدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋولتېر، مونتېسكيۇ، دىدېرو قاتارلىقلارنىڭ فېئودالىزمغا قارشى نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى زېرىكمەي ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كىشى يەنىلا رۇسسو. ئۇ رۇسسونى مەخسۇس زىيارەت قىلغىلى بارغان،66 ياشلىق رۇسسو بىلەن20 ياشلىق روبېسپېر بىر كۆرۈشۈپلا خۇددى قەدىناسلاردەك بولۇپ كەتكەن ھەمدە ئۇزاقتىن - ئۇزاق سىرداشقان. بۇ قېتىمقى دىدارلىشىش روبېسپېرنىڭ سىياسىي كۆزقارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا رۇسسونىڭ ئىدىيىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلىغان. ئادۋوكاتلىق قىلغان سەككىز يىلدا، بوزەك قىلىنىپ ئېزىلىۋاتقان ئەمگەكچى خەلقنى ئاقلاپ، ئۇلارنى ئۇۋالچىلىقتىن خالاس قىلىپ، كاتتا ھۆرمەت تاپقان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، شىددەتلىك ئىنقىلاب ئېقىنىغا ئاتلانغان. ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇپ قالغان.
ئەينى چاغدا، فرانسىيە ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ۋەزىيەت داۋالغۇپ، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتكەن، فېئودال كۈچلەر چەت ئەل ئارمىيىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يېڭى جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانىدى. روبېسپېر رەھبەرلىكىدىكى ياكوبىنچىلار دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، يېڭىۋاشتىن ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان فرانسىيە پادىشاھى لۇئى نىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ پارلامېنت يىغىنىدا: «لۇئى ئۆلۈشكە ھەقلىق، چۈنكى ۋەتەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك» دەپ خىتاب قىلغان، ئاخىرىدا360 قا قارشى361 ئاۋاز بىلەن لۇئى نىڭ كاللىسى ئېلىنغان. روبېسپېر قاتارلىق ياكوبىنچىلار ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، فېئودال پومېشچىكلاردىن مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەرنى ئاز - ئازدىن بۆلۈپ دېھقانلارغا سېتىپ بېرىش، مال باھاسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىش قاتارلىق ئەمگەكچى ئاممىغا پايدىلىق بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ئاممىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، جۇمھۇرىيەت چەت ئەللىك قوراللىق ئىغۋاگەرلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ مېۋىسىنى قوغداپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن روبېسپېرنىڭ ئىناۋىتى بارغانسېرى ئاشقان.
روبېسپېر ئومۇم ئۈچۈن ناھايىتى پاك ئىشلىگەن. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن ئىنقىلابچىلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تازا بېيىۋالغان، ئەمما روبېسپېر باشتىن - ئاخىر ئىشچىلار ئولتۇرىدىغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇ بارلىقىنى ئىنقىلاب ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ يېتىشەلمىگەن، ئىككى قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن زىممىسىدە ئېغىر ۋەزىپە بولغاچقا، مۇھەببەت، نىكاھ ئىشلىرىغا ۋاقىت چىقىرالماي، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر توي قىلالمىغان، ھەتتا دۈشمەنلىرىمۇ ئۇنى «چىرىمەس ئادەم» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.1794 - يىلى7 - ئايدا، فرانسىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، روبېسپېر ۋە ئۇنىڭ بەزى سەپداشلىرى قولغا ئېلىنغان. ئۇ36 يېشىدا قۇربان بولغان.