UyghurWiki
UyghurWikiمەشھۇر شەخسلەرخۇا لوگېڭ

خۇا لوگېڭ

مەشھۇر شەخسلەر 1985 - يىل6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى توكيودا چاقىرىلغان بىر قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي يىغىندا75 ياشلىق پروفېـسـسـور خـۇا لـوگـېـڭ (1910 −1985 ) راۋان ئىنگلىز تىلىدا ئىنتايىن ئېـسـىـل دوكلات بـېـرىـۋاتـاتـتـى. ئۇ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى قىلىپ بـولـۇپ، كىشـىـلـەر قـىزغىـن چاۋاك چېلىۋاتقاندا يەرگە يىقىلىدۇ. بىر دەستە گۈل ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىـنىشـقـا ئۈلگۈرمەيلا، دۇنياغا مەشھۇر بۇ ماتېماتىكا چولپىنى توساتتىن ئۆچىدۇ. خۇا لوگېڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنتەن ناھىيىـسـىـدىـكـى ئۇشـشـاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ كىچىكىـدىـنلا مـاتـېـمـاتـىـكـىـغـا قىزىقاتتى ھەم ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. بىر كۈنى ئوقۇتقۇچىسى مـۇنـداق بىر ماتېماتىكا سوئالى چىقىرىدۇ: «بىر توپ نەرسە بولـۇپ، ئۇنىڭ سـانـى نامەلۇم، ئۇلارنى ئۈچتىن - ئۈچتىن ئايرىساق ئىككىـسـى ئېـشـىـپ قـالـىـدۇ، بەشتىن - بەشتىن ئايرىساق ئۈچى ئېشىپ قالىدۇ، يەتتـىـدىن - يـەتتىدىن ئايرىساق ئىككىسى ئېشىپ قالىدۇ، ئېيتىڭلارچۇ، ئۇ قانچـە؟»، «23!» ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ئاياغلاشمايلا خۇا لوگېڭ ئۇنىڭغا جـاۋاب بـېـرىـدۇ، ئوقۇتقۇچى بارىكاللا ئېيتىپ، ئۇنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى مـاخـتـايـدۇ. ئەپسۇسكى، خۇا لوگېڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلـىـدىـن، ئوقۇشتىن چېكىنىپ دۇكـانـدا خـىزمـەت قـىلـىـدۇ، خىزمەت قـىـلـغـاچ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدۇ.18 يېشىدا كېزىككە گىرىپتار بـولـۇپ، ئەزرائىل بىلەن يېرىم يىل ئېلىشىدۇ، ئۆزى ھايات قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆمۈرۋايـەت مېيىپ بولۇپ، ئوڭ پۇتى ئاقساپ قالىدۇ.1930 - يىلى،19 ياشلىق خۇا لوگېڭ «سۇ جياجۈ ئالگېـبـراسـىـدىـكـى بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقىنـىـڭ سـەۋەبـى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، شاڭخەيدىـكـى «ئىـلىم - پـەن» ژۇرنـىـلـىـدا ئېلان قىلىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنـىـڭ مـۇدىـرى شـيـۇڭ چىڭلەي ماقالىدىن ئاپتـورنـىـڭ مـاتـېـمـاتىـكـا ئىـسـتـېـداتـىـنـى كـۆرۈپ، يېنىدىكىلەردىن «ئۇ كىشى قايسى دۆلەتتە ئوقۇغانكەن؟ قايسى ئۇنىۋېرسىتېـتـتـا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ خۇا لوگېڭـنـىـڭ ئەسـلـىـدە19 ياشلىق كىچىك دۇكان خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىـدا، ئىـنـتـايـىـن تەسىرلىنىپ، ئۇنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىدۇ. خـۇا لـوگـېـڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تۆت يىل داۋامىدا پروفېسسور شيۇڭ چىڭلەيـنـىـڭ يېتەكچىلىكى بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىـپ، ئارقـا - ئارقـىـدىـن ئون نـەچـچـە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ، كېيىـن يـەنـە ئەنـگـلـىـيـىـگـە ئوقـۇشـقـا ئەۋەتىلىپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىـغـا ئېـرىـشـىـدۇ. خـۇا لـوگـېـڭ سـان نەزەرىيىسىنى ئىنتايىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مـەشـھـۇر خـۇا لـوگـېـڭ تېئورېمىسىنى تېپىپ چىقىدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، خۇا لوگېڭ غـەربـىـي جەنۇب بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ، كەچلىرى گۇڭگـا جىنچىراغ ئاستىدا تەتقىقات بىـلـەن مـەشـغـۇل بـولـىـدۇ. خـۇا لـوگـېـڭ مۇشۇنداق جاپالىق مۇھىتتا20 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە «دۆۋىلەنـگـەن سانلار نەزەرىيىسى» دېگەن قېلىن كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ نەزەرىـيـىـنـى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ،1958 - يىلىـدىـن كېيىن،20 نەچچە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوننى ئايلـىـنـىـپ، ئامـمـىـنـى ئەلالىرىنى تاللاش ئۇسۇلىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغـا تـەتبـىـقلاشـقـا سەپەرۋەر قىلىدۇ. بىر قېتىم مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلىپ: «سىزنىـڭ ئەڭ زور ئارزۇيىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ ئويلانمايلا «ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقـى كـۈنىـگـىـچـە خىزمەت قىلىش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئىـلـىـم - پـەن ئۈچـۈن ئاخىرقى بىر كۈنگىچە خىزمەت قىلـىـپ، ئۆزىـنـىـڭ ۋەدىـسـىنى ئەمەلـگـە ئاشۇردى.
← بارلىق تېمىلار مەشھۇر شەخسلەر
خۇا لوگېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki